تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلەر تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى پۇختا تۇتتى، ئىنچىكە تۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلەر تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئاھالىلەرنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىسىدە خاتىرجەم تۇرۇشى، تۇرمۇشىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە گۆش، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلەش تولۇق، باھا مۇقىم بولۇۋاتىدۇ.» شاڭ يۈلەن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە كۆكتات ۋە گۆشنى بازارغا سېلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، گۆش، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسىنىڭ مۇقىم، تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ توردا زاكاز قىلىش، تور سىرتىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەرگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ نورمال تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى مەھەللىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار، پىدائىيلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، مەھەللە بىرىنچى سېپىنىڭ ماددىي ئەشيا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى كۈچىنى تولۇقلاپ، زورايتىپ، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاھالىلەرنىڭ يېمەكلىك، دورا قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ۋاقتىدا سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، مالنى نۇقتىدىن نۇقتىغا، ئۇچراشماي ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىشنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شەھەر بويىچە 2000دىن ئارتۇق پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ھەر مىللەت ئاھالىلىرى ئۈچۈن مال سېتىۋېلىش، تاماق يەتكۈزۈش، ئەخلەت يىغىش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى.

ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خادىملارنى تەشكىللەپ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتىنى نۇقتىدىن نۇقتىغا قانات يايدۇردى. داۋالىنىش ئېھتىياجى بار سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار قاتارلىقلارغا قارىتا، ۋاكالىتەن دورا سېتىۋېلىش، يېشىل يول ئېچىپ داۋالىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قالغان ئاھالىلەرگە قارىتا، مەھەللە ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاپىرىپ ئەكەلدى، ئالاھىدە ئەھۋالدا مەخسۇس ئادەم ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى