تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەلىك پىدائىيلار مەھەللىدە ئاۋانگارت بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا

«بۈگۈن ئاھالىلەر ئېھتىياجلىق كۆكتاتلارنى ئۆيمۇئۆي يەتكۈزدۈم» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داشياۋشىمېن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى نۇرلۇق يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى پىدائىي ياڭ جۈن 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتە تەرىنى سۈرتكەچ.

ياڭ جۈن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 13 - پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال مەھەللىدە پىدائىي بولۇشقا تىزىملاتتى. «بۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيت دەل پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ۋاقىت، بىز جەزمەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، تىرەك بولۇشىمىز كېرەك» دېدى ياڭ جۈن.

«قەيەردە ۋەزىپە خەتەرلىك، ئېغىر بولسا، شۇ يەردە پارتىيە تەشكىلاتى قەتئىي كۈچلۈك خىزمەت قىلىدۇ، شۇ يەردە پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت، ئۈلگە بولىدۇ.» ياڭ جۈن تەۋە بولغان پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى شياۋرۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياچېيكا بىرىنچى ۋاقىتتا سەككىز پارتىيە گۇرۇپپىسى ئارقىلىق چاقىرىق چىقىرىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىدە پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن. ھازىر ياچېيكىدىكى 16 پارتىيە ئەزاسى پىدائىي بولۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىدە ئالدىراش ئىشلەۋېتىپتۇ.

ياڭ جۈن تۇرۇشلۇق بىنا كونا پاسوندىكى بىنا بولغاچقا، لىفىت يوق ئىدى، ئۇ ھەر كۈنى بىناغا قايتا - قايتا چىقىپ - چۈشۈپ ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، ئەخلەت تۆكتى، بىنانىڭ يۇقىرىراق قەۋىتىدىكى ئاھالىلەرگە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق ئېغىرراق نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بەرگىنىدە، دائىم ھېرىپ ھاسىراپ كېتەتتى. «ئاھالىلەر ناھايىتى ماسلاشقاچقا، چارچىساممۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمىدىم، بىر قېتىم بىر ئائىلىگە كىرگىنىمدە، ئۇلار يېڭىلا قاسقاندىن چىققان خۇاجەرنى ماڭا بېرىۋېدى، تولىمۇ تەسىرلەندىم» دېدى ياڭ جۈن.

پارتىيە ئەزاسى مياۋ ۋېيتىڭنىڭ ئۆيى سايباغ رايونى شىسەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى چىماسەن يولى غەربىي مەھەللىسىدە. ئۇنى تىلغا ئالغاندا، مەھەللە كادىرى جى جاۋفاڭ ئۇنى ماختاپ كەتتى، «ئۇلار ئاتا - بالا ئىككىسى بىزنىڭ پىدائىيلار قوشۇنىمىزدىكى ئاتا - بالا ئەسكەرلەر، مۇلازىمىتى ناھايىتى ياخشى، مەيلى ئەتىگەن ياكى كەچتە بولسۇن، چاقىرغان ھامان كېلىدۇ» دېدى جى جاۋفاڭ. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مياۋ ۋېيتىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلى مياۋ جىنخۇي بىلەن بىرلىكتە پىدائىيلىققا تىزىملىتىپ، ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، مەھەللىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى يەتكۈزۈش، ئاپىرىپ ئەكېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملەشتى.

«بىر ياچېيكا بىر قورغان، بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق. بىز تېخىمۇ كۆپ پارتىيە ئەزالىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىمىز» دېدى لى شياۋرۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى