تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تۈن كېچىدە، ئۇلار يەنىلا ئاغرىقلار رايونىدا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، شيې لۇڭ فوتوسى، خەۋىرى

سېسترا خاۋ يەنيەن ئاغرىققا يوتقان يېپىپ قويماقتا.

دوختۇر ئابدۇل سالام كومپيۇتېر ئالدىدا كېسەللىك تارىخى يازماقتا.

سېسترا ھېلىمگۈل مۇتەللىپ نۆۋەتچىلىك قىلىش ئارىلىقىدا ئازراق ئارام ئالماقتا.

«31 - كارىۋاتتىكى ئاغرىققا يۈرەك سوقۇشنى كۆزەتكۈچ تاقاڭلار».

8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سەھەر سائەت 2دە، نادىرە ئابدۇسالام سۆزلىشىش ئاپپاراتىدا پەس ئاۋازدا دوختۇر كۆرسەتمىسى چۈشۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 5 - بىنا 3 - ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇ تاپتا نادىرەنىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقىنىغا تۆت سائەت بولغانىدى. 400 مېتىردىن ئاشىدىغان U شەكىللىك بۇ ئاغرىقلار رايونىدا، ئۇ بېرىپ - كېلىپ 30 نەچچە قېتىم ماڭدى.

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كەچتە، ئاغرىقلار رايونىغا يەنە يېڭىدىن قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئىككى ئاغرىق كەلدى، كېسەللىك تارىخىنى دەلىللەش، بەدەن تەكشۈرۈش، تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش، قاندىكى ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش... نادىرەنىڭ ئالدىراش قىلىدىغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇ ئىمكانقەدەر قەدىمىنى يېنىك، چاققان قىلىپ، ئۇخلاپ بولغان ئاغرىقلارنى ئويغىتىۋەتمەسلىككە تىرىشتى. دىياگنوز قويۇپ بولۇپ، كارىدوردىكى بەدەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئالدىغا كەلدى، نادىرە يۈزىنى ئېكرانغا چاپلاپ دېگۈدەك يېقىن تۇرسا، ئاندىن ھوردىلىپ كەتكەن كۆز قوغداش ئەينىكىدىن ئېنىقراق كۆرەلەيتتى، ئۇ ئاغرىقلارنىڭ ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا كىرگۈزدى.

سائەت ئىسترېلكىسى سەھەر سائەت 3تىن 45 مىنۇتنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. سېسترا خاۋ يەنيەن بىر كېسەلخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاۋايلاپ ئېچىپ، كارىدوردىكى چىراغنىڭ يورۇقىدا، بىر ياشانغان كىشىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىدىكى كۆزىتىش ئەسۋابى قىسقۇچىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى، ئۇ قىسقۇچنى ياشانغان كىشىنىڭ بارمىقىغا ئاستاغىنا قىسىپ قويدى، ئاندىن ئوكسىگېن بېسىمىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىگە قارىدى، چىقىپ كەتكۈچە، ياشانغان كىشىنىڭ يوتقىنىنى ئوڭشاپ قويدى...

«گەرچە ئاغرىقلار رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يېنىك تىپتىكى ۋە ئادەتتىكى تىپتىكى ئاغرىقلار بولسىمۇ، لېكىن بىز ھەرگىز بىخەستەلىك قىلماسلىقىمىز، ھەر سائەتتە بىر قېتىم قاندىكى ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەپ تۇرۇشىمىز كېرەك.» خاۋ يەنيەن مۇنداق دېدى: قاندىكى ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى داۋالاشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر كۆرسەتكۈچ، «بىر قېتىمنىمۇ ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ».

كېسەلخانىنى چارلاپ تەكشۈرۈپ بولغۇچە، تاڭ سۈزۈلدى. خاۋ يەنيەن كارىدوردىكى يۆلەنچۈكسىز ئورۇندۇقتا نەچچە مىنۇت ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن، يەنە بىر نۆۋەتلىك چارلاپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

بۇ چاغدا، دوختۇر ئىشخانىسىدا ئۈچ دىجورنى دوختۇر كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ كېسەللىك تارىخىنى يېزىۋاتاتتى، «كېسەللىك تارىخىنى بالدۇرراق تۈگەتسەك، بۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان ئاغرىقلار بالدۇرراق نورمال تۇرمۇشقا قايتالايدۇ» دېدى دوختۇر ليۇ شەنشەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى