تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: 8-ئاينىڭ 7-كۈنى دوختۇرخانىدىن چىققان ئادەم سانى تۇنجى قېتىم شۇ كۈندىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن ئاشتى، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئاغرىق مىسالى تۇنجى قېتىم ئازايدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 22-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى:

8-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 25، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى سەككىز.

شۇ كۈنى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 28، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار توققۇز. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 8-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 107، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 67.

8-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 637، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 126سى بار.

شاڭ يۈلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمدىن بۇيان، تۈنۈگۈن (8-ئاينىڭ 7-كۈنى) بىر كۈندە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى تۇنجى قېتىم يېڭى دوكلاتتىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانىدىن ئاشتى، دوختۇرخانىدا داۋالانغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن. گوۋۇيۈەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوختۇر-سېسترالار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ساقىيىش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنىڭ بالدۇرراق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا تىرىشماقتا.

يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ، نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىلىپ، ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋاقتىدا، ئۈزۈل-كېسىل تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنى ۋاقتىدا داۋالاشقا ھەقىقي كاپالەتلىك قىلىندى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى