تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ بىرىنچى پايچېكى» A پايچېكى بازىرىغا كىردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ ساياھەت تۈرىدىكى تۇنجى پايچېكى «غەربىي يۇرت ساياھىتى» شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بازىرىدا بازارغا سېلىنىپ سودا قىلىندى، بۇ، «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ بىرىنچى پايچېكى»نىڭ A پايچېكى بازىرىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

غەربىي يۇرت ساياھەتچىلىكى بۇ قېتىم 38 مىليون 750 مىڭ پاي چېكىنى ئاشكارا تارقاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشكارا تارقاتقان يېڭى پاي چېكى 38 مىليون 750 مىڭ بولۇپ، ھەربىر پاي چېكىنىڭ تارقىتىلىش باھاسى 7.19 يۈەن بولدى، يېڭى پاي چېكى توپلىغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 279 مىليون يۈەن، تارقىتىلغاندىن كېيىنكى ئومۇمىي پاي چېكى دەسمايىسى 155 مىليون پاي بولدى. غەربىي يۇرت ساياھەتچىلىكى بازارغا سېلىنغان تۇنجى كۈنى، پاي چېكىنىڭ باھاسى 8.63 يۈەندىن باشلىنىپ، ئۆرلەپ 10.35 يۈەندە توختىدى، ئۆرلەش نىسبىتى %43.95 بولدى.

غەربىي يۇرت ساياھەتچىلىكىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ كېنيەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى A پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى پۇرسەت بىلىپ، كاپىتال بازىرىنىڭ سىجىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىركەتنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز.

غەربىي يۇرت ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى 2001 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىركەت ئاساسلىقى ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئاساسلىقى ساياھەت يولۇچىلار تىرانسپورتى، ئېگىز تاغ ئاسما يولىدا تاماشا قىلىش، ساياھەت كېمىسىدە تاماشا قىلىش، ئارشاڭدا كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت كوپىراتىپى كەسپى ۋە مەدەنىيەت ئويۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى