تومۇزدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى دېھقانلار تېرىغان بالدۇر پىشار دۇڭگۇا ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، ئېتىزدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى. قۇتۇبى ناھىيەسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تېزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېتىزدا يىغىۋېلىشتىن باشلاپ ماددىي ئەشيا ئوبوروتى كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەرگىچە چىڭ تۇتۇپ، كۆكتاتچى دېھقانلارغا «يېشىل يول» ئېچىپ بېرىپ، بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى بىخەتەر، خاتىرجەم يېڭى كۆكتات يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«学习强国»دىن تەرجىمە قىلىندى