شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى سانائەت رايونىدىكى شوخلا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، لىق شوخلا بېسىلغان ئاپتوموبىللار ئۆچرەتتە تۇرۇپ سېتىشنى كۈتمەكتە.(8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھازىر، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ سانائەت شوخلىسى پىشىش مەزگىلىگە كىردى، دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ ھوسۇل يىغدى. بۇ يىل باغراش ناھىيەسىدە 15 مىڭ 500 مو يەرگە شوخلا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر مو يەرنىڭ شوخلا مەھسۇلات مىقدارى سەككىز توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، «كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق زاكاز تېرىقچىلىقنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.