تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شىنجاڭ بىڭتۇەن 1-شىسى ئارال شەھىرى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى

يېقىندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسى ئارال شەھىرىدىكى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، جەمئىي 96 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئارال شەھىرى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىدە 35 مىڭ كىۋادرات مېتىر يەر تۈزلەندى؛ جەمئىي 391 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شىمالىي شەھەر رايونىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۈرىگە 21.15 كىلومېتىر تۇرۇبا ئورنىتىلدى؛ جىڭگاڭشەن يولى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى تۈرى ۋە كونا شەھەر رايونىنىڭ سۇ چىقىرىش تۇرۇبىسى تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

«ئارال شەھىرى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ 2-قارارلىق تۈرى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، قۇرۇلۇش ھازىر جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ» دېدى 1-شى ئارال شەھىرى تەبىئىي بايلىق ۋە پىلانلاش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

3-ئاينىڭ بېشىدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، 300 نەچچە ئۈسكۈنە ئارقا - ئارقىدىن ھەر قايسى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھازىرغىچە، 1-شى ئارال شەھىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلىغى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى. «خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ قۇرۇلۇشلاردا كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى، تەسىر دائىرىسى كەڭ، بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر سۈرئەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇم دەخلى قىلغان ۋاقىتنى قايتۇرۇۋالدى» 1-شى ئارال شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ليۇ يىجياڭ شۇنداق دېدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ كۆپ، چېتىلىدىغان ساھە كەڭ بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغان. بۇ يىل 1-شى ئارال شەھىرى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئىش باشلاش يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن.

«مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ھەم كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى بىۋاسىتە ياخشىلىغىلى بولىدۇ، ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پايدىنى قويۇپ بېرىپ، شى، شەھەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» دېدى ليۇ يىجياڭ.

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى