تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق تۇرمۇشى ئىستېمال بۇيۇملىرى باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بەردى

باھا تۈرىدىكى دېلودىن 338نى تەكشۈرۈپ بېجىردى، جەرىمانە-مۇسادىرە پۇلى 560 مىڭ يۈەن بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن): كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلارغا ئېنىق باھا يازماسلىق؛ سېتىۋېلىش-سېتىش باھا پەرقى نىسبىتى %35تىن ئېشىپ كېتىش؛ ئىسپات ۋە تالون بولماسلىق، سېتىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ مەنبەسىنى تەمىنلەپ بېرەلمەسلىك. قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ بۇ قىلمىشلار قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ.

  8-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بۇ ئىدارە ئاممىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تېزدىن قوزغىتىپ، «خەلق تۇرمۇشى ئىستېمال بۇيۇملىرى باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى تۈزۈپ ۋە تارقىتىپ، شەھەر، رايون ئىككى دەرىجىلىك قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، باھاغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: توپ تارقىتىش بازىرى، زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىنىڭ باھا ئۆستۈرۈش قىلمىشلىرىى قاتتىق تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ، توپ تارقىتىش بازارلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ قاتتىق باشقۇرۇش، بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، مال باھاسى ئۆسۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەنبەدىن ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر دۇكانلىرىغا بولغان كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تىجارەتچىلەرنىڭ ئېنىق باھا يېزىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تىجارەتچىلەرنىڭ ئېنىق باھا يېزىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلماسلىقتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى بايقىغان ھامان دەل ۋاقتىدا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى موۋ خەيبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئەڭ يۇقىرى جەرىمانە قويۇلغىنى شىمىگۇ رايونىدىكى بىر كۆكتات دۇكىنىنىڭ كۆكتاتلارنىڭ باھاسىنى ئېنىق يازمىغانلىق، يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ئەھۋالدا، ئالدىن ئورالغان يېمەكلىكلەرنى ساتقانلىق دېلو مىسالى بولۇپ، 75 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە، تىجارەتچىلەردىن سېتىۋېلىش-سېتىش باھا پەرقى نىسبىتىنى %35تىن تۆۋەن نىسبەتتە قاتتىق كونترول قىلىش، ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىلىرىدىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلگەن ھامان، ۋاقتىدا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  7-ئاينىڭ 20-كۈنى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار بازار تەكشۈرۈش داۋامىدا، بېيجىڭ شىمالىي يولى جۈنۋېي جىڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى بىر مال سېتىۋېلىش دۇكىنىدا سېتىلغان ياڭيۇ، سۈەنمياۋ، لوبو قاتارلىق يەتتە خىل كۆكتاتنىڭ باھاسىدىكى سېتىۋېلىش-سېتىش باھا پەرقى نىسبىتىنىڭ %35تىن ئېشىپ كېتىپ، باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بايقاپ، دەرھال «تۈزىتىشكە بۇيرۇش ئۇقتۇرۇشى» تارقاتتى ھەمدە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 205.62 يۈەن قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلدى، 1028.1 يۈەن جەرىمانە قويدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، جەمئىي 374 دېلو تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، باھا تۈرىدىكى دېلو 338 ئىكەن. نۆۋەتتە، 156 دېلو ئاخىرلاشقان، جەرىمانە-مۇسادىرە پۇلى 560 مىڭ 172 يۈەن توققۇز مو بولۇپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلش قاتارلىق بازارنىڭ تىجارەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قىلمىشلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىلگەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، پۈتۈن شەھەردە كۆكتات قاتارلىق 40 خىل زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم تۆۋەنلىگەن. توپ سېتىش ھالقىسىدا، 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىدا كۆكتاتنىڭ توپ سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى چۈشكەن، شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرى، يېڭى بېييۈەنچۈن بازىرى، شىنجاڭ لىڭچىڭ كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى توپ سېتىش سودا بازىرىدا كۆكتاتنىڭ توپ سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى تەكشى، مۇقىم ھالەتنى ساقلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى