تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئېلېكتىرونلۇق سودا مېيىپلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە «قانات» بولدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن لى لىڭ خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى كەسىپلەر باغچىسىدا، 40 ياشلىق ئەخمەت غوپۇر چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سالماقچى بولغان لوپنۇر كەندىرى ھەسىلىنى ئوراۋاتاتتى. ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، ئۇنىڭ چېكىسىدىن تەر ئېقىپ كەتكەنىدى.

مال ئېلىش، ساندۇققا قاچىلاش، سۇلياۋ جياۋبۇ چاپلاش..... ئەخمەتنىڭ بىر جۈپ چاققان قولى ئالدىراش بولۇپ، گەپ قىلغاندا چىرايىدا باشتىن-ئاخىر تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

2012-يىلى، ئەخمەت بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆيدىكى تاپقان-تەرگەنلىرىنى تۈگىتىپ بولغانىدى، مېيىپلىك سەۋەبىدىن ئۇ بىر مەھەل تۇرمۇشقا بولغان ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويغانىدى.

«ئۇ چاغدا، مەن ئۆزۈمنى ئائىلىنىڭ يۈكى دەپ ھېس قىلاتتىم، كۆڭلۈم تولىمۇ پاراكەندە ئىدى.» دېدى ئەخمەت. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دائىم ئۆيگە كېلىپ ئۇنى يوقلاپ، ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئەكىلىپ بەردى، ھويلا-ئارانلىرىنى تازىلاپ بەردى، ئۇنى قىيىنچىلىققا دادىل يۈزلىنىشكە ئىلھاملاندۇرى. ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، ئۇ ئىككى قولى بىلەن ئاز-ئازدىن سۈرۈلۈپ يول «مېڭىش»نى مەشق قىلدى.

لوپنۇر ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى زىيارەت جەريانىدا ئەخمەتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ روھىدىن تەسىرلىنىپ، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا تور دۇكىنى ئېچىشنى ئۆگەتتى.

«مال مەنبەسىنى بىز سىزگە ياردەملىشىپ ئىزدەپ بېرىمىز، تور دۇكىنىنى بېزەشتە بىزنىڭ  يەنە مەخسۇس كوللېكتىپىمىز سىزگە ياردەملىشىپ قىلىشىپ بېرىدۇ، سىز دۇكاننى قانداق يۈرۈشتۈرۈشنى ئويلىسىڭىزلا بولدى.» لوپنۇر ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ يۆلىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى ئەخمەتكە غايەت زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، يۇرتداشلارنىڭ يەرلىك تۇخۇمى، لوپنۇر كەندىرى ھەسىلى، ئاق ئۆرۈكى، نېنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تور دۇكىنىدىكى كوزۇر مەھسۇلات بولۇپ قالدى. ھەر ئايدا تور دۇكىنىنىڭ تىجارىتىگە تايىنىپ، ئەخمەتنىڭ ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەنگە يەتتى.

2016-يىلىدىن باشلاپ، لوپنۇر ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ، ئەخمەتكە ئوخشاش نۇرغۇن مېيىپلەرگە ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانى تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تور دۇكىنى ئېچىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى.

«ھەر كۈنى ئالدىراش ئۆتسەم، كۆڭلۈم شۇندىلا ئەمىن تاپىدۇ.» دېدى ئەخمەت. باشقا خىزمەتكە سېلىشتۇرغاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا جىسمانىي كۈچ سەرپىياتى ئاز ھەم سىرتقا چىقىش ھاجەتسىز بولۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يېڭى سۇپا ۋە پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

لوپنۇر ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە، مېيىپلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەسى بىر قاتار نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى، ئەشيا ئوبوروتى ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

6-ئاينىڭ ئاخىرى، دەل لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇر كەندىرى ھەسىلى قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل، لوپنۇر ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋە لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى جەمئىيىتى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەشكە قاتناشقان مېيىپلەرگە ئەۋزەل مال مەنبەسى ئىزدىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش، سالون لېكسىيەسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مېيىپلەرنى ھەرتەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

نۆۋەتتە، لوپنۇر ناھىيەسى مېيىپلەرنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدىن 13 قارار ئۆتكۈزۈپ، 500دىن ئارتۇق مېيىپنى تەربىيەلىدى. لوپنۇر ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ پائال تۈرتكىسىدە، بۇ ناھىيەدىكى 21 مېيىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئۇستىسىغا ئايلاندى، مېيىپلەر تىزىمغا ئالدۇرغان تور دۇكىنى 40تىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى