تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ لىۋان زۇڭتۇڭى ئوئىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لىۋان بېيرۇتتا ئېغىر، زور پارتلاش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ لىۋان زۇڭتۇڭى ئوئىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىۋان بېيرۇتتا ئېغىر، زور پارتلاش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، لىۋان زۇڭتۇڭى ئوئىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىڭلار پايتەختى بېيرۇتتا ئېغىر، زور پارتلاش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.