تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۈچ يېڭى» ئىقتىسادنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جۇش ئۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، شى شىن، جېن شىشىن، جاڭ ئاۋ، لۈ يىخەن

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئىشچىلار ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى يولۇچى ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى)

سانائەت ئېستېتىك تۇيغۇسىغا تولغان سېخ ئىچىدە، مېخانىك بىلەكلەر تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىپ، بىر قاتار خىزمەتلەرنى دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملىدى؛ كۈندىلىك تۇرمۇشتا تاماق زاكاز قىلىش، ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىشنى بىر يان تېلېفون بىلەنلا ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

ئىچكىرى رايونلارغا ئوخشاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئۈزلۈكسىز كىرىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا ئەندىزىسى ۋەكىللىكىدىكى «ئۈچ يېڭى» ئىقتىسادمۇ شىنجاڭدا تۇيدۇرمايلا قەد كۆتۈردى.

يېڭى تېخنىكا يېڭى مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، يېڭى پىكىر يولى يېڭى قۇرۇلمىنى بەرپا قىلىدۇ. «ئۈچ يېڭى» دولقۇنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

تېخنىكا ئېنېرگىيە بېغىشلىدى كەسىپ يۇقىرى دەرىجىگە قەدەم قويدى

بىر يېڭى ئاپتوموبىلنى قۇراشتۇرۇشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى يولۇچى ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ بەرگەن جاۋابى بولسا 600 سېكۇنت.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى يولۇچى ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىغا كىرىپ، ئېنىقلىقى «سېكۇنت»قىچە بولغان بۇ جاۋابنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ − يۇقىرى دەرىجىدە ئاپتوماتلاشقان زاۋۇت ئۆيىدە، مېخانىك بىلەكلەر قاتمۇقات ئىش تەرتىپىدە تەرتىپلىك ۋە رەتلىك مەشغۇلات قىلىپ، مەھسۇلاتلار ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدە ئايلىنىپ، شۇنچە چوڭ بوشلۇقتا پەقەت ئاز ساندىكى ئىشچىلارلا زۆرۈر بولغان ئادەم كۈچى باسقۇچلىرىدا ئىشلەيدۇ. ھەتتا ئاپتوموبىل ئۇششاق زاپچاسلىرىنىمۇ ئېلېكتىرلەشكەن كىچىك ئاپتوموبىل تەقسىملەپ يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى بويلاپ، ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىغا يەتكۈزىدۇ.

بەش سېكۇنتتا يېلىم سۈركەش مەشغۇلاتىنى تاماملاش، ئۈچ سېكۇنتتا سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقى، تورمۇز سۇيۇقلۇقى قاتارلىق بەش يۈرۈش سۇيۇقلۇقنى قۇيۇپ بولۇش، ھالقىلىق كۈچ مومېنتى نۇقتىسىغا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى توكلۇق چىڭىتىش مۇلازىمەت تېخنىكىسىنى قوللىنىش... بىر ئاپتوموبىل 60تىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدا «نەچچە مىنۇتتىلا» يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، رەسمىي لىنىيەدىن چىقىدۇ.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ئاراچلارنى ھىم قىلىپ تۇتاشتۇرۇپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. 2018 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى شىنجاڭدا زاۋۇت قۇرۇلغاندىن بۇيان، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى يولۇچى ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللىرى 1 مىليارد يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىز <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بازىرىنى پائال كېڭەيتتۇق ھەم ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە مۇلازىمەت قىلدۇق.» شىركەت ياساش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لو خەيتيەن مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، شىركەت رۇسىيەدە سېتىش شىركىتى قۇرۇپ، چۇەنچى سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى تېز ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتوموبىل سانائىتىدىن باشقا، ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش كەلگۈسى تۇيغۇ بېرىدىغان كۆرۈنۈشلەرمۇ شىنجاڭ تىيانشان لىفىت ياساش چەكلىك شىركىتىدە نامايان بولدى. ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا كەپشەرلەش، يۆتكەپ توشۇش، پۈركۈپ سىرلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ماشىنا ئادەملەر تاماملايدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قوشۇلغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى %70 ئەتراپىدا ئۆستى.

پەن - تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى، دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، سانائەت ماشىنا ئادىمى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى جابدۇق، يېڭى تېخنىكىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىدە قوللىنىلىشى كۈنسېرى ئومۇملىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق «چوڭ مېڭە»نى ئورنىتىپ، ئالاقە تورى «بۇلۇت تېرمىنالى»غا ئۇلاپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە «ئاقىل ياسىمىچىلىق»نى قانات يايدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ رەقەملەشتۈرۈلۈپ تەتقىق قىلىش - ئېچىش، لايىھەلەش قورالىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %70تىن ئاشقان. يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنىڭ سىجىل كۈچىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانائىتىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.2 ئاشقان، سانائەت ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر %12.2 كۆپەيگەن.

ئەندىزە ئۆزگەردى پارلاق ئىستىقبال قۇچاق ئاچتى

زامانىۋى ئۇسلۇبتا ئىللىق، ئازادە بېزەلگەن، نەپىس ئورالغان تاۋارلار مال جازىسىغا رەتلىك تىزىلغان، يېمەكلىك سوغۇق ساقلاش رايونى، پارچە سېتىش رايونى، تېتىپ كۆرۈش رايونى ئېنىق ئايرىلغان، خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىدىكى نۇرغۇن دۇكانلار ئىچىدە، شىنجاڭ جۇڭخاڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ھېس قىلىش دۇكىنى كىشىنى ئۆزىگە ئەڭ جەلپ قىلاتتى.

«بۇ دۇكاننى خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروت پورتى تىجارەت باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە قۇرغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى مەقسەت ئاساسلىقى تور سىرتىدىكى يېڭى پارچە سېتىش تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىدى». 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروت پورتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن لىنلۇڭ مۇنداق دېدى: شىركەت يەنە شىنجاڭ يېمەكلىك ماتېرىياللىرى B2B ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى «خەيخۇڭ سودا شەھەرچىسى» ۋە «خەيخۇڭ ئەلالىرىنى تاللاش»نى ئۆز ئالدىغا ئېچىپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تەمىنات سودىگەرلىرى ۋە ئېھتىياج سودىگەرلىرىنى ئالاقە تورى سۇپىسى ئارقىلىق سودىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، نەزەر دائىرىنى يىراققا قويۇشنىڭ بىر كارخانىنىڭ تېز ئۆزگىرىۋاتقان چوڭ مۇھىتتا ياشاش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشىگە زور پايدىسى بار.

«ئەسلىدە بۇ يەردىكى كۆپ ساندىكى سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى توپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئون كىلوگىرام مالنى پارچە ساتمايتتى، شۇنداقلا پارچىلاپ ساتمايتتى.» جۇڭخاڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ ۋېي مۇنداق دېدى: «ھالبۇكى بىزنىڭ ھېس قىلىش دۇكىنىمىز توپ ۋە پارچە سېتىش بىلەن شۇغۇللاندى، چاغان مەزگىلىدە بىر كۈنلۈك سېتىش سوممىمىز 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى».

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروت پورتى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى تىجارەتچىلەر خىرىسنى كۈتۈۋالدى. يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر زور ئۇچراش رېئاللىقى ئالدىدا، تەمىنات سودىگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن سېتىش ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزگەرتىش مۇقەررەر تاللاش بولۇپ قالدى.

بۇ يىل 1 - ئايدا ئەشيا ئوبوروت پورتى ئىستېمالچىلارغا قارىتىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى «خەيخۇڭ ئەلالىرىنى تاللاش» رەسمىي توردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. سۇپا ئەلالىرىنى تاللاش بويىچە 700دىن ئارتۇق سودىگەرنىڭ 300 خىلدىن ئارتۇق نەپىس كىچىك ئورالمىلىق تاۋارلىرىنى تاللاپ توردا سېتىپ، سېتىلىش مىقدارىنى ئايمۇئاي ئاشۇردى.

ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيەلىك نەزەرگە ئۈنۈملۈك سېلىنغان ئاساس قوشۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈندە، خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتى ئىستېمالچىلار تور سىرتىدا ھېس قىلىش، توردا سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت يېڭىچە مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ئەشيا ئوبوروت كەسپى، شۇنداقلا ھەم بىر ئالاقە تورى شىركىتى.» يەن لىنلۇڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە ئەشيا ئوبوروتى پورتى يەنە باغچە رايونىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يېڭى ئەشيا ئوبوروتىغا قاراپ تەدرىجىي تىپ ئۆزگەرتىپ، باغچە رايونى يېمەكلىك كەسپىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

خەي خۇڭنىڭ تاللىشىغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ئالاقە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارغا «ئۇلىنىش» ئارقىلىق، زەنجىرنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقىنى تىرىشىپ ئاچتى.

يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچى قىلىندى تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى

كۆزىتىلگەن قىسمى ئارقىلىق پۈتۈن قىياپىتىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. مەيلى يېڭىچە سودا ئەندىزىسىنى ئېچىش بولسۇن ياكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش بولسۇن، شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «ئۈچ يېڭى» ئىقتىسادنىڭ يادروسى يېڭىلىق يارىتىش.

يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا بەزى كارخانىلار يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزىنى ئەمەلىي قوللىنىش ئارقىلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى ئېنېرگىيە قوشتى؛ بەزى كارخانىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىققا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقىدىكى ئۈلگىلىك كارخانىغا ئايلاندى؛ يەنە بىر قىسىم كارخانىلار «پىچاق بىسىنى ئىچىگە قارىتىش» شەكلىنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قازدى.

1958 - يىلى قۇرۇلغان ئۈرۈمچى ئاليومىن زاۋۇتى ئىككى قېتىم تۈزۈلمە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھازىرقى شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىگە ئايلاندى. ئىلگىرى پەقەت ئادەتتىكى ئاليومىن تاۋلايدىغان بۇ دۆلەت ئىلكىدىكى كىچىك زاۋۇت جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭى ماتېرىيال كەسپىدىكى يادرولۇق تايانچ كارخانىغا ۋە تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىغا ئايلاندى، بۇنىڭدىكى سىر شۇكى «تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ».

«كارخانا تۈزۈلمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئەينى چاغدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قىزدۇرۇپ پىروكاتلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، دۆلەت ئىچىدە ئاز ساندىكى ئېلېكتىرونلۇق ئاليومىن ياپراقچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پىروكاتلاش كارخانىسىغا ئايلاندى.» ھازىر ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان قىزدۇرۇپ پىروكاتلاش سېخىدا شىنجاڭ جۇڭخې مۇدىرىيىتىنىڭ كاتىپى ليۇ جيەنخاۋ مۇنداق دېدى: «كېيىن بۇ قىزدۇرۇپ پىروكاتلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئورنىنى ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىگىلىدى، بىز يۇقىرى ئۆلچەمدە ياسىغان جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئاليومىن ياپراقچىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردۇق».

بۇ يىللاردا، جۇڭخې شىركىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا جەمئىي 200 تۈردىن ئارتۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشتى. زامانىۋىلاشقان ئېلېكتىرود ياپراقچىسى شىركىتىنىڭ ئېرىتىش سېخىدىكى 80 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان.

«شىركەت يۇقىرى ساپلىق ئاليومىن مەھسۇلاتلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىش ھەم چوڭقۇر قاتلاملىق ئېچىشتا تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تەتقىق قىلىپ ياسىغان يۇقىرى ساپلىق ئاليومىن نىشان خام ماتېرىيالى دۆلىتىمىزنىڭ زور كۆلەملىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ياسىمىچىلىق جابدۇقى ھەم يۈرۈشلۈك تېخنولوگىيەسىنى ئاچقۇچلۇق ماتېرىيال مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان يۇقىرى ساپلىق ئاليومىن، ئېلېكتىرونلۇق ئاليومىن ياپراقچىسى، ئېلېكتىرود ياپراقچىسى مەھسۇلاتلىرى ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق 15 دۆلەت ۋە رايونغا تۈركۈملەپ ئېكسپورت قىلىندى» دېدى ليۇ جيەنخاۋ.

ئەڭ دەسلەپتە خەلقئارالىق ئىلغار تېخنولوگىيەنى كىرگۈزۈشتىن بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئالدىغا ئاچقان مەھسۇلاتلارنىڭ چەت ئەللەردە بازار تېپىشىغىچە، بۇ جەرياندا، شىنجاڭ جۇڭخې شىركىتىنىڭ ھېكايىسى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان رولىنى جانلىق شەرھلەپ بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىنى تۈزۈش، باغچە رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، مۇھىم، زور تۈرلەرنى قوزغىتىش، پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۇپا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق «ئۈچ يېڭى» ئىقتىسادنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى، زور تۈركۈم كارخانىلار نەپكە ئېرىشتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، رايون بۆلىكى زەنجىرى قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، سانائەت ئالاقە تورىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملىشىش، تورلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ يېڭى» ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرىدۇ، زورايتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى