تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىسلاھاتقا تايىنىپ، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتەيلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو ئەگەر يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولىدا ماڭمىسا، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئوڭۇشلۇق ئالماشتۇرۇلمىسا، ھەقىقىي قۇدرەت تاپالمايدۇ.» باش شۇجى دۆلەتنى «ھەقىقىي قۇدرەت تاپقۇزۇش» يۈكسەكلىكىدە كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، ئۇنىڭ مەنىسى چوڭقۇر ھەم چەكسىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر تەرەپلىمە پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر تېز بولدى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا رەقەملەشكەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش قوراللىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %70تىن ئاشقان. يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىگە سىجىل كۈچەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىدى.

ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز ئالماشتۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىشتە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىر ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان چوڭ يۆنىلىش. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، تۆۋەن سەۋىيەلىك تەمىنلەش - ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقىدىن يۇقىرى سەۋىيەلىك تەمىنلەش - ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقىغا سەكرەپ ئۆرلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەتئىي تەۋرەنمەي سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

«قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كۈچلۈك كاپالەت سىستېمىسىغا موھتاج، بۇنىڭ ئىچىدە تىجارەت - سودا مۇھىتى ناھايىتى مۇھىم. «ئۇچراشماي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» «پۈتۈن جەريانلىق توردا بېجىرىش» ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىشقا، ئەمەلىي قوللىنىشقا ئىلھام بېرىش، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلار ئۈچۈن تەمىنلەش - ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىش، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى كەڭ قورساقلىق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللىنىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ئالاقىسى، مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن قوغداش ۋە قوزغىتىش كېرەك. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قويۇپ بېرىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئادىللىق ۋە تەرتىپنى بارلىققا كەلتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق قولايلاشتۇرۇش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش جەزمەن ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈم ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت «زور نەتىجە - ئۈنۈم»نى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەرىكەت ئېنېرگىيەلىرىنىڭ ئالمىشىشىدا ئەقلىي كۈچ تىرىكى ئوخشاشلا مۇھىم. مەيلى شىنجاڭ زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرسۇن، ياكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، رايون - بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىلىرى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولسۇن، ھەممىسىدە زور مىقداردىكى يۇقىرى پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى، يېڭى تىپتىكى كەسىپ - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئېھتىياجلىق. بۇ بىزدىن باھالاش «دىرىژورلۇق تايىقى»نىڭ توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ۋە قويۇپ بېرىشنى؛ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش - ئېچىش ئەندىزىسى، يېڭىلىق يارىتىش - ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتىسى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىشنى؛ پەن - تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ ئەمەلىي قوللىنىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، كەسىپ روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ داۋاملىق ئالمىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇپ، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىدىغانلا بولساق، چوقۇم ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى