تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ پىسخىك بېسىمى ئېغىر؟ مۇتەخەسسىسلەر: تىرىشىپ كۆڭۈلنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش كېرەك

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 20-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، شىنجاڭ پىسخىك ساغلاملىق جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى شۈ شياڭدۇڭ تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلارغا قارىتا قانداق قىلغاندا پىسخىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە كەيپىيات باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ تەرەپلىمە تەكلىپ بەردى.

    شۈ شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭ بەلگىلىك پىسخىك بېسىم ھېس قىلىشى نورمال ئىنكاس. كۆپچىلىك خىزمەتچىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئىنتايىن بىخەتەر ئىكەنلىكىنى، دوختۇر-سېسترالارنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ھەم ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى، ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان تەدبىرلەرنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئېنىقسىز ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تەشۋىشنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

    «بىز تىرىشىپ كۆڭۈلنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاپ، ئۆزىمىزدىكى ئالاقزادىلىك تۇيغۇسىنى پەسەيتىشىمىز كېرەك.» شۈ شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، ئوبيېكتىپ قاراپ، زىيادە كۆپ ياكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىق كېرەك. كېسەلنى توغرا تونۇپ، رېئاللىقنى ئىدراكىي قوبۇل قىلىپ، ھەم تەلەي سىنىماسلىق، ھەم ئالاقزادە بولماسلىق كېرەك. ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرنى ئۆلچەم قىلىپ، ئەپقاچتى گەپلەرگە قۇلاق سالماسلىق، ئاڭلىماسلىق، ئىشەنمەسلىك كېرەك.

    ئىككىنچىدىن، كۆپرەك ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىش كېرەك، بەزى پاسسىپ ۋەقەلەرنى ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، ئاكتىپ، ئىدراكىي، تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك. بېسىم ئالدىدا كەيپىياتنى تەڭشەپ، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى ساقلاش كېرەك، ئۆزئارا ئىلھام بېرىش ۋە قوللاش يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدۇ.

    ئۈچىنچىدىن، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق، تىت-تىت بولۇش قاتارلىق كەيپىياتقا دۇچ كەلگەندە، كەيپىياتنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق شەكلىنى تېپىش كېرەك. مەسىلەن: تۇغقانلىرىغا دەردىنى تۆكۈش، ئۆيدە ئاددىي ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش، تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىقلار.

    تۆتىنچىدىن، ۋەھىمىدىن قۇتۇلۇپ، مۇۋاپىق ياردەم سوراش كېرەك. ناۋادا پىسخىك بېسىم چوڭراق بولۇپ، ئۆزىنى ئۆزى تەڭشەش ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە، ۋاقتىدا پىسخىك ياردەم تەلەپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ھەرگىزمۇ يۈز-ئابرۇينى دەپ پىسخىك مەسلىھەت سوراشنى رەت قىلماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى