تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

جۇ يوۋتيەن: لۇسۈن تېرىقچىلىقىنى كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى

7-ئاينىڭ 5-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جاۋبىشەن يېزىسى خېبايەن كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا، لۇسۈن مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولدى.

  7-ئايدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جاۋبىشەن يېزىسى خېبايەن كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا، ياپيېشىل، يۇمران لۇسۈننىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولدى.

  بۇ، لۇسۈننىڭ مورى ناھىيەسى تۇپرىقىدا تۇنجى قېتىم ئۆستۈرۈلۈشى بولۇپ، لۇسۈن مايسىلىرىنى ئېلىپ كەلگەن كىشى دەل 56 ياشلىق جۇ يوۋتيەن ئىدى.

  جۇ يوۋتيەن ئالىي دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادچىسى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تېخنىكا خادىمى بولۇش سۈپىتىدە 5-ئاينىڭ 11-كۈنى مورى ناھىيەسىگە كېلىپ خىزمەت قىلغان.

  جۇ يوۋتيەن مورى ناھىيەسىنىڭ تېرىقچىلىق ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا مورى ناھىيەسىگە لۇسۈن كىرگۈزۈش ئويى پەيدا بولدى، لۇسۈن تېرىلىپ ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ئۇدا 10 يىل پايدا ئالغىلى بولاتتى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ شۇ جايدىكى ھازىرقى كۆكتات سورتلىرىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇپ، يەنە كۆپ ساندىكى لۇسۈن سورتلىرى سوغۇققا چىداملىق بولغاچقا، مورى ناھىيەسىنىڭ كىلىمات مۇھىتىغا ناھايىتى ماس كېلەتتى.

  جۇ يوۋتيەن تەپسىلىي سىناق قىلىپ تېرىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقتى. ئۇ ئۇرۇق چىلاش، موم يۇيۇش، بىخلاندۇرۇش، مايسا يېتىشتۈرۈشتىن ئوغۇتلاش، دورا پۈركۈش قاتارلىقلارغىچە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ھەر بىر ھالقىنى كونترول قىلدى.

  جۇ يوۋتيەننىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن 3000 تۈپ لۇسۈن مايسىسى ياخشى ئۆسۈپ، كۆچۈرۈلۈپ تىكىشكە باشلىدى.

  لۇسۈن ئۆستۈرۈش تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇ يوۋتيەن ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش جەريانىنى رەتلەپ، قوللانما تۈزۈپ چىقىپ، تەربىيەلەش كۇرسى، ئېتىزدا ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، لۇسۈن ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى شۇ جايدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ئۆگىتىشنى پىلانلىدى.

  «学习强国»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى