تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«مەن قايتا ئورنۇمدىن تۇردۇم»

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جىڭ بو): «بۇ بىر يىلدا، نامرات ئائىلە  دېگەن <قالپاق>نى چۆرۈپ تاشلىدىم؛ بۇ بىر يىلدا، مەن قايتا ئورنۇمدىن تۇردۇم...»

    7-ئاينىڭ 13-كۈنى، 36 ياشلىق نۇرئەلا 2017-يىلى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگىنىدە، ئۇزاققىچە ئۆزىنى باسالمىدى.

    نۇرئەلا ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا باشقا بالىلارغا ئوخشاش ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. ئەمما ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، كېسەل سەۋەبىدىن ئىككى پۇتى پالەچ بولۇپ قېلىپ، چاقلىق ئورۇندۇققا تايىنىپ يول يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. 2014-يىلى، ئۇ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

    پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياخشى سىياسىتى نۇرئەلانىڭ تۇرمۇشىغا ئۈمىد بېغىشلىدى. ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، 2017-يىلى «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش شەرەپلىك» دېگەن گۇۋاھنامىنى دەرۋازا ئالدىغا چاپلىدى.

    دەل شۇ يىلى نۇرئەلا ئوپېراتسىيە قىلدۇردى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئىككى پۇتىدا يەرنى دەسسەپ، مۇستەقىل ئۆرە تۇرغان ئاشۇ دەقىقىدە، نۇرئەلا خۇددى چۈش كۆرگەندەكلا بولدى، ھاياجان ياشلىرى يۈزىدىن سىرغىپ چۈشتى. ئىلگىرى نۇرئەلا بۇ ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ مۇستەقىل ماڭالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى ئۇنىڭغا قايتىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇش ئىمكانىيىتى ياراتتى، ئۇ بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيەدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلغان ئىدى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش ياردىمى ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ پەقەت 8000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلىگەن بولدى.

   «پارتىيەنىڭ سىياسىتى شۇنچە ياخشى تۇرسا، كۈنلىرىمنى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمەن»، نامراتلىق ۋە ئىككى پۇتى سەۋەبىدىن كەلگەن قولايسىزلىقلار بىلەن خوشلاشقان نۇرئەلا قەتئىي نىيەتكە كەلدى.

    پوسكام ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ناھىيە بويىچە «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى» قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن نۇرئەلا بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتى. «ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش بويىچە تەربىيەلەش ھەقسىز بولۇپلا قالماي، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يەنە ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە 10 مىڭ يۈەنلىك ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش ئۈسكۈنىسى ۋە سايمانلىرىنى سەپلەپ بەردى» دېدى نۇرئەلا.

    ئىگىلىنىشىچە، پوسكام ناھىيەسى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، بۇ يىل يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە تەربىيەلىنىش ئېھتىياجى بار 60 نامرات مېيىپنى ئەسقاتىدىغان تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەپ، 147 نەپەر مېيىپ يەككە سودا-سانائەتچىنىڭ ھەر بىرىگە بىر قېتىمدىلا 3000 يۈەن يەككە يۆلەش مەبلىغى تارقاتقان.

    2019-يىلى يېڭى يىلدا، نۇرئەلانىڭ ھۆسىن تۈزەش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى تىجارەت باشلىدى، بۇ مۇشۇ كەنتتىكى تۇنجى ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياساش دۇكىنى ئىدى.

    باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمىتى قىزغىن ۋە ئەتراپلىق بولغاچقا، نۇرئەلانىڭ سودىسى كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە كىرىم قىلدى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، نۇرئەلا قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۆز قولىغا تايىنىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

    «مەن ئۆزۈمنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھاللىق تۇرمۇشقا قەدەم قويالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن» دېدى نۇرئەلا ئىشەنچى تولۇپ-تاشقان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى