تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى: توققۇز كارخانا ئۇيۇشۇپ، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى ھاسىل قىلدى

  7-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى كورلا تالا شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ جۇڭتەي كورلا تالاسى دېيىلىدۇ) ئۆزى ئىشلەپچىقارغان يىپ ئارقىلىق 10 مىڭ دانە لۆڭگە توقۇدى، بۇ، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى توققۇز توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىرىكىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى سودا پۇرسىتىدۇر.

بىر ئىشچى كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ فۇلى جېنلۇن پاختا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ھالقىسىمان يىپ ئېگىرىش سېخىدا يىپ ئېگىرمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت: چۆ. خۇرە فوتوسى)

  كەسىپ زەنجىرى شەكىللەنگەندىن كېيىن، زەنجىرسىمان ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى: كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىدا 200دىن ئارتۇق ئىلمە توقۇلما ماشىنىسى، لۆڭگە توقۇش ماشىنىسى، بوياش ماشىنىسى، پايپاق توقۇش ماشىنىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، يېرىم ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان كارخانىلاردا ئىش باشلاندى، 2500دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىش ئورنى مۇقىملاشتۇرۇلدى.

  7-ئاينىڭ 21-كۈنى، كورلا خۇيتۇڭتەي بوياقچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يىلىغا 10 مىليون دانە لۆڭگە ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىپ، يېڭىدىن 100 نەچچە ئىش ئورنىنى كۆپەيتتى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى گو شياۋجۈن مۇنداق دېدى: «كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ئۆزئارا كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇردى».

  «学习强国»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى