تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇەن شياۋلى خەۋىرى، فوتوسى): «ياخشىمۇسىز، سىز زاكاز قىلغان كۆكتاتلار كەلدى!» 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، كۆكتات، مېۋە-چىۋە لىق بېسىلغان قول ھارۋىنى ياخشى توختاتقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى داۋەن جەنۇبىي مەھەللىسىنىڭ كادىرى زىننەت ھەمدۇللا كۆكتاتلارنى قاراشلىق رايوندىكى جەنۇبىي 2-كوچا 190-نومۇرلۇق قورۇ 11-بىنا 2-دەنيۈەندە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئاھالىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئاپىرىپ بەردى، ئارقىدىن، ئۇ پەسكە چۈشۈپ ھارۋىنى ئىتتىرىپ يەنە بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

زىننەت ھەمدۇللا ئىتتىرىۋالغان ھارۋىنى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مەھەللىگە بىرتۇتاش تارقىتىپ بەرگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا بولغان ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش، پىدائىيلار، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ماددىي ئەشيا توشۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تىيانشان رايونى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى 23 ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت ۋە 50 قول ھارۋىسى سېتىۋېلىپ، قاراشلىق رايوندىكى توققۇز مەھەللىگە تارقىتىپ بەرگەن.

زىننەت ھەمدۇللا تۇرۇشلۇق داۋەن جەنۇبىي مەھەللىسىگە ئۈچ توكسىكلىت ۋە بەش قول ھارۋىسى سەپلەپ بېرىلگەن. ھارۋا ھەربىر چوڭ تىپتىكى ئولتۇراق رايونغا بىردىن سەپلەنگەن، توكسىكىلىت بولسا مەھەللىدە ھەرۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، قايسى ئولتۇراق رايون ئېھتىياجلىق بولغاندا، خىزمەتچىلەر تېز سۈرئەتتە ھەيدەپ شۇ ئولتۇراق رايونغا بارىدۇ.

زىننەت ھەمدۇللانىڭ قارىشىچە، قول ھارۋىسى بىلەن توكسىكىلىت ئۇنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئۆستۈرگەنىدى.

«مەن جەنۇبىي 2-كوچا 190-نومۇرلۇق قورۇ 3-نومۇرلۇق بىنادىكى 20 نەچچە ئائىلىلىكنىڭ ھەرخىل تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ۋە تېمپراتۇرىسىنى ئۆلچەشكە مەسئۇل بولغاندىن سىرت يەنە، باشقا بىنالارنىمۇ قەرەللىك چارلاپ تەكشۈرۈپ تۇرىمەن. ھەر كۈنى ئاھالىلەرگە كۆكتات، دورا قاتارلىقلارنى ئاپىرىپ بېرىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن 20 نەچچە قېتىم بېرىپ-كېلىشىمگە توغرا كېلەتتى، ماددىي ئەشيالارنى ئاساسلىقى قولۇمدا كۆتۈرۈپ، مۈرەمگە ئارتىپ توشۇيتتۇم، بۇنىڭدا خىزمەت ئۈنۈمۈم بىرقەدەر تۆۋەن بولاتتى.» زىننەت ھەمدۇللا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىر قېتىمدا پەقەت بىر، ئىككى ئائىلىگىلا مۇلازىمەت قىلالايتتىم، قول ھارۋىسى بار بولغاندىن كېيىن، بىر قېتىمدا تۆت، بەش ئائىلىنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى توشۇيالايدىغان بولدۇم، ناھايىتى قولايلىق بولدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى