تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇاڭ شىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار دىڭ جېڭيوڭ، يۈەن بىن، جيا دېلا، جاۋ فېڭچىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، يامغۇردىن كېيىن، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسى مايتاس شامال رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا، قوش ھەسەن-ھۈسەن مەنزىرىسى پەيدا بولۇپ، بوشلۇقتا ئىككى رەڭدار كۆۋرۈك تىكلەنگەندەك كۆرۈنەتتى.
بۇ كۆرۈنۈشنى گوديەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مايتاس شامال ئېلېكتىر مەيدانىنىڭ بىر نەچچە ئىشچىسى يانفونىدا سۈرەتكە تارتىۋالغان.
«بىز مايتاس شامال رايونىدا شۇنچە يىل خىزمەت قىلىپ، بۇنچىلىك ئېنىق، رەڭدار ھەسەن-ھۈسەننى تۇنجى قېتىم كۆرۈشىمىز.» دېدى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىشچى دىڭ جېڭيوڭ. بۇ قوش ھەسەن-ھۈسەن مەنزىرىسى تەخمىنەن 15 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشقان.