تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ياسىمىچىلىقنى «ئاقىل ياسىمىچىلىق» يولىغا سالدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شى شىن، ليۇ شياڭ، جېن شىشىن، جاڭ ئاۋ، لۈ يىخەن، پىراكتىكانت جياڭ يىياۋ

شىنجاڭ كوكس كۆمۈرى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، «كۆمۈرچى قارىۋاي»لار «كۆمۈرچى ئاق ياقىلىق»لارغا ئايلاندى.

پومپا پونكىتىنىڭ تەڭشەپ قوزغىتىلىشىدىن تارتىپ ھەرقايسى توشۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەرتىپ بويىچە قوزغىتىلىشىغىچە، يەنە كۆمۈر قېزىش ماشىنىسىنىڭ ئاپتوماتىك كۆمۈر قېزىشى، سۇيۇقلۇق بېسىملىق تىرەكنىڭ ماشىنىغا ئەگىشىپ يۆتكىلىشىگىچە، بارلىق قېزىش سۇپىلىرىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى بىر كۇنۇپكا بىلەنلا قوزغاتقىلى، توختاتقىلى بولىدۇ.

گاز مىقدارىدىن تارتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئەھۋالىغىچە، يەنە گېئولوگىيەلىك تۈزۈلمە ۋە ئۈزۈك قاتلام رايونلىرىغىچە، ئاساسلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇرلىرىنى «بىر پارچە خەرىتە» بىلەنلا ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئايلىنىشىدىن تارتىپ خادىملارنىڭ ئورنىنى بېكىتىشكىچە، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغىچە، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى توردا نازارەت قىلىپ باشقۇرغىلى بولىدۇ.

7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، بۇ شىركەتنىڭ 1890 - كۆمۈر كېنىنىڭ 1000 مېتىرلىق قۇدۇقى ئاستىدا، يىراقتىن كونترول قىلىش ئۆيىدىكى ئاساسلىق كونترول قىلغۇچىنىڭ قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىشىغا ئەگىشىپ، «بىر كۇنۇپكا بىلەن كۆمۈر قېزىش» ئەقلىي ئىقتىدارلىق خىزمەت سۇپىسىدىكى كۆمۈر قېزىش ماشىنىسى گۇرۇپپىسى ئوڭۇشلۇق قوزغىتىلىپ، يۈرۈشۈشى ياخشى بولدى. 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى يىراقتىن باشقۇرۇش ئىقتىدارى ھازىرلانغاندىن بۇيان، كوكس كۆمۈرى گۇرۇھى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ پۇختا بىر قەدەم تاشلىدى.

«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىلاشقان ئۆزگەرتىش، ياساشنىڭ پايدىسىدا، خەتىرى يۇقىرى، جاپالىق كۆمۈرچىلىك كەسپى تېخنىكا تىپىغا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ» دېدى 1890 - كۆمۈر كاننىڭ كان باشلىقى گوۋ شىنجيەن.

رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ «كوللېكتىپ تاللىشى».

«ئەنئەنىۋى پولات - تۆمۈر ياسىمىچىلىق كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جەزمەن ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاقىل ياسىمىچىلىققا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئاقىل 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقتىن <ئاقىل ياسىمىچىلىق>قا يۈزلىنىشىمىز كېرەك. بولمىسا، دەۋر قەدىمىنىڭ كەينىدە قالىمىز ھەم دەۋر تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىمىز» دېدى باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر شياۋ گودۇڭ.

2019 - يىلى، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى ئاقىل زاۋۇت، ئاقىل مەركەزلىك كونترول سۇپىسى، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قايتا ياساش، ئاقىل كان، ئاقىل كۆمۈر كېنى، ئاقىل ماركېتىڭ قاتارلىق ئالتە چوڭ تۈردىكى 26 ئاقىل ياسىمىچىلىق تارماق تۈرىنى بېكىتتى. ئاقىل ياسىمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش، ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ پولات - تۆمۈر ھۈنەر - سەنئىتىنى يېڭىلاش، تەرتىپنى قايتا تۈزۈش ۋە تەشكىللەپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، يېڭى ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈپ، شىركەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

ئاقىل ياسىمىچىلىقنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزگىرىش تۇيدۇرماي يۈزبەردى. 1 - ئاۋغۇست تۆمۈر تاۋلاش زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ شىنمېي مۇنداق دېدى: «تۆمۈر تاۋلاش زاۋۇتىدىكى 2500 كۇب مېتىرلىق ئۈچ دومنا پېچنىڭ مەركىزىي كونترول ئۆيى ھازىر بىرلەشتۈرۈلدى، بۇ ئازادە، يورۇق مەركىزىي كونترول ئۆيىدە، بىر خىل <كاتتا> تۇيغۇنى ھېس قىلىمىز، ئۈچ دومنا پېچنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى، جۈملىدىن ماتېرىيال سەپلەش، كۆمۈر پۈركۈش، داشقال چىقىرىش قاتارلىق دومنا پېچنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. مەركىزىي كونترول ئۆيىدە بېلىق باقتۇق، گۈل باقتۇق، ئوقۇيدىغان كىتابلىرىمىزنى تىزىپ قويدۇق، يەنە چاي ئۈستىلى، قەھۋە ماشىنىسى قاتارلىقلار بار، خىزمەت مۇھىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق شىنجاڭ سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىققا تايىنىپ، شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى يۇقىرى ساپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى %28 ئۆستۈرۈش، تىجارەت تەننەرخىنى %25 تۆۋەنلىتىش، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ياساش دەۋرىنى %30تىن ئارتۇق قىسقارتىش، ناچار مەھسۇلات نىسبىتىنى %50 تۆۋەنلىتىش، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %15 ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدىكى كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئېنىق بېكىتكەن ھەم بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بولغان كارخانا 40تىن ئاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئاساسلىق ئەندىزىگە ئايلانغان. ھازىر، شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش، يېنىك سانائەت، نېفىت خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيو دورىگەرلىك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە دۆلەتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى كارخانىسىدىن توققۇزنى، دۆلەت مالىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق يېڭى ئەندىزىسىنى قوللىنىش تۈرى كارخانىسىدىن 11نى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تۈرى كارخانىسىدىن ئىككىنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رولى كۆرۈنەرلىك، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېففېكتى گەۋدىلىك بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى