6-ئاينىڭ 2-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسى بايئاۋات يېزىسى يېڭى بازار كەنتىدىكىلەر كومبايىندا كۈزگى بۇغداي ئورۇماقتا.(رېن لىيىڭ فوتوسى)
«شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە 3 مىليون 245 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي پۈتۈنلەي ئورۇلۇپ بولدى، مو بېشى مەھسۇلاتى 438.66 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.17 ئاشتى. بۇ يىل بۇغداينىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتى 1 مىليون 423 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 123 مىڭ توننا ئېشىپ، يازلىق ئاشلىق مىقدارى <ئۇدا 13 يىل ئېشىش>نى قولغا كەلتۈردى» دېدى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ باش ئاگرونومى لى گۇاڭ.
«يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىم، يازلىق پەرۋىش» مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقان» بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىن 11نى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى مۇلازىمەت گۇرۇپپىسىدىن توققۇزنى قۇرۇپ، ئېتىز-ئېرىق، باغ-ۋاران، قورۇ-قوتان، ھويلا-ئاران، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە بازارلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا، كەنتلەردىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مۇلازىمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە دېھقانلارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
يازلىق ئاشلىقنى ئامبارغا كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى، سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر تەدبىر قوللىنىپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى جابدۇقلىرى ۋە ئادەم كۈچىنى يازلىق يىغىم خىزمىتىگە پائال تەشكىللەپ، يازلىق يىغىم ۋاقتىنى كېچىكتۈرمەسلىك، قايتا تېرىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «ئاشلىق»ىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
«学习强国»دىن تەرجىمە قىلىندى