تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان مۇنەۋۋەر كادىرلار ۋاقتىدا ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 19-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىرىنى ۋاقتىدا ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىدۇ.

    شاڭ يۈلەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇقنى كۆپ تەرەپتىن كۈچەيتىپ، ئارقا سەپ كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى كۈچەيتىش، كۈچلەرنى مۇۋاپىق تەقسىملەش-سەپلەشتىن سىرت، يەنە توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.
    «تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلغان، چاقىرىققا بويسۇنغان، مۇھىم پەيتتە، ھالقىلىق ۋاقىتتا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى مۇنەۋۋەر كادىرلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلار ۋاقتىدا ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ» دېدى شاڭ يۈلەن.

   بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى بايقاش، تاللاپ تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، تۈرلۈك تاراتقۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، تەسىرلىك ھېكايىلەر ياخشى سۆزلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، كۆيۈنىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى