8-ئاينىڭ 4-كۈنى، جاڭجۇڭباۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى سۈن فۇچۈن بېلىق ئىدىشىدىكى تاماشا بېلىقىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھىرىنىڭ نىڭيۈەن كوچا باشقارمىسى جاڭجۇڭباۋ كەنتىدە، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى تاماشا بېلىقى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى، شۇ جاي «جەمئىيەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئەنشەن سەنتەيزى تاماشا بېلىقى سودا مەركىزى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، باققان تاماشا بېلىقلىرىنى شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ۋە خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، تيەنجىن قاتارلىق جايلارغا ساتتى. كىچىككىنە تاماشا بېلىقى ھازىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىم بېيىش ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ جيەنفېڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 4-كۈنى، جاڭجۇڭباۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى لى گوپېڭ ئۆزىنىڭ تاماشا بېلىقى باقمىچىلىق كۆلچىكىدىن بېلىق تۇتماقتا.
بۇ جاڭجۇڭباۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جاۋ شىلۇڭ باققان تاماشا بېلىقى (8-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
8-ئاينىڭ 4-كۈنى، جاڭجۇڭباۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى لى گوپېڭ تاماشا بېلىقى باقمىچىلىقى ئىدىشىدا بېلىجانلارنى ئايرىماقتا.
8-ئاينىڭ 4-كۈنى، جاڭجۇڭباۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جاۋ شىلۇڭ ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش سېۋىتىدىكى تاماشا بېلىقىنىڭ تۇخۇم چىقىرىش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە.
بۇ جاڭجۇڭباۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى لى گوپېڭنىڭ باقمىچىلىق كۆلچىكىدىكى تاماشا بېلىقى ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش سېۋىتى (8-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
8-ئاينىڭ 4-كۈنى، بېلىق سېتىۋالغان بىر مېھمان جاڭجۇڭباۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى سۈن فۇچۈننىڭ ئۆيىدىن چىقماقتا.
بۇ جاڭ جۇڭباۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى لى گوپېڭ باققان تاماشا بېلىقى(8-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).