تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا سۇ ئىچىشكىلا تايىنىشقا بولمايدۇ...

  ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، بۆرەك سانجىقى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ جىددىي كېسەل كۆرسىتىدىغانلار كۆپەيدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى داشۆ شەھەرچىسى دوختۇرخانىسىنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بەي زۈنگۇاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ھاۋا ئىسسىق، تەرلىگەندىن كېيىن ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ، تۆۋەن كالتسىيلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىپ، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  سۇنى ئاز ئىچىش بۆرەككە تاش چۈشۈشنى قوزغايدۇ

  بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەر «بەل قىسمى قاتتىق ئاغرىپ» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاغرىقنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈش سەۋەبىدىن بۆرەك سانجىقى بولۇپ قالغانلىقى ئېنىقلىنىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلگەن. بەي زۈنگۇاڭ مۇنداق دېدى: «يازدا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈش سەۋەبىدىن بۆرەك سانجىقى كېلىپ چىققان جىددىي كېسەللىكلەر ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.»

  سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈش سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى تاشقى كېسەللىكلىرىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى تېخى تولۇق ئېنىقلانمىغان، ھازىرقى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، بۇنىڭ كۈندىلىك سۇ قوبۇل قىلىش مىقدارى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، سۈيدۈك تەركىبىدە نۇرغۇن ئېرىگۈچى ماددىلار بار بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ياكى بىنورمال مېتابولىزمىنىڭ مەھسۇلى، يەنە بەزىلىرى سۈيدۈكتىكى باكتېرىيەلەرنىڭ پارچىلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئەگەر سۇ ئىچىش مىقدارى يېتەرلىك بولسا، ھاسىل بولغان سۈيدۈك مىقدارى نورمال بولىدۇ، بۇ ئېرىگۈچى ماددىلار سۈيدۈك بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئەگەر سۇ ئىچىش مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا ياكى تەر چىققاندىن كېيىن ۋاقتىدا سۇ تولۇقلىمىسا، سۈيدۈكنىڭ ھاسىل بولۇشى بەك ئاز بولۇپ قالىدۇ-دە، بۇ ئېرىگۈچى ماددىلار تويۇنۇپ كىرىستاللىشىدۇ ھەمدە كىرىستال شەكىلدە ئاجرىتىپ چىقىرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تاشقا ئايلىنىدۇ. شۇڭا تەرلىگەندىن كېيىن ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش ئارقىلىق، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  تۆۋەن كالتىسىيلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش 

  لېكىن پەقەت كۆپ سۇ ئىچىش ئارقىلىق تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. بەي زۈنگۇاڭ مۇنداق دەيدۇ: نورمال كالتسىي تەركىبلىك يېمەك-ئىچمەكنى قوبۇل قىلىش، ھايۋانات ئاقسىلى ۋە ناترىي تۇزىنى قوبۇل قىلىشقا چەك قويۇشنىڭ ئەنئەنىۋى تۆۋەن كالتسىيلىق يېمەك-ئىچمەككە قارىغاندا تاش قايتا پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى تېخىمۇ ياخشى. سۈت، ئىرىمچىك قاتارلىق سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى تولۇقلاش تەكلىپىنى بېرىمىز. بۇ تاش چۈشكەن ئاغرىقلارنىڭ كالتسىي تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك، دېگەن ئەنئەنىۋى قاراشقا ئوخشىمايدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن سىرت، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر، بولۇپمۇ ھايۋانات ئاقسىلى كالتسىيلىق تاش پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، كۈندىلىك قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك، قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان گۆشنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 100 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. كالتسىي ئوكسالىك كىسلاتا تېشى كىلىنىكىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تاش بولۇپ، ئوكسالىك كىسلاتانىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىدۇ، بۇ تۈردىكى تاشنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يۇقىرىقىلار ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قارىتا ئومۇملاشقان تەكلىپ بولۇپ، تاش چۈشكەن ئاغرىقلار يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىپ، تاش چۈشۈش خەۋپىنى ئازايتىشتىن سىرت، قەرەللىك ھالدا قايتا تەكشۈرتۈپ، تاشنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇش تېخىمۇ مۇھىم. ئادەتتىكى ئاغرىقلار ۋە داۋالانغان ئاغرىقلارنىڭ ھەر ئۈچ ئايدا ياكى يېرىم يىلدا بىر قېتىم قايتا تەكشۈرتۈشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، تەكشۈرتۈش قىلغاندا، رېنتىگىندە سۈرەتكە ئېلىش، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ياكى CTدا تەسۋىر كۆچۈرۈشنى تاللاپ، كېسەللىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىغان ھامان داۋالاش لايىھەسىگە ۋاقتىدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  بىر قىسىم داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ھەمدە بەدىنىدىن تاش ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان ئاغرىقلار يەنە تاش تەركىبىنى ئانالىز قىلىپ، تاش تەركىبىنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

خەلق گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى