تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ كۇچا: مۇلازىمەت سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش

 

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرىدىكى شىنجاڭ كاڭفۇيۈەن ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىم ئۇن توشۇماقتا.(ۋاڭ جيەنچياڭ فوتوسى)

  ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قاتتىق، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  كۇچا شەھىرىدىكى مەلۇم ئۇن كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار خىزمەت كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقاپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ياسىن قۇربان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلدىن بۇيان، كۇچا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، كۇچا شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى سەپلەش، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، مەبلەغ كاپالىتى، خادىملارنى ئىش ئورنىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللاپ، كارخانىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىركىتىمىز 10 مىڭ 562 توننا ئۇن ئىشلەپچىقاردۇق، مەھسۇلات قىممىتى 30 مىليون 260 مىڭ يۈەنگە يەتتى».

  كۇچا شەھىرى ئوخشاش بولمىغان كارخانىلارغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان كاپالەت مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارغا ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بەردى. ئىگىلىنىشىچە، كۇچا شەھىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 9 مىليارد 383 مىليون يۈەنگە، سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى 3 مىليارد 663 مىليون يۈەنگە، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى 1 مىليارد 510 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، سانائەت ئىقتىسادىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان.

  «学习强国»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى