تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سىزدە «ھۆللۈك» ئېشىپ كەتكەنمۇ (1)

  ياز كۈنلىرى ھاۋا دىمىق، نەم بولۇپ، دىققەت قىلمىغاندا، بەدەندە زىيادە ھۆللۈك پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بەدەندىكى ھۆللۈك ۋاقتىدا يوقىتىلمىسا، ئادەم بەدىنىدە بىر قاتار بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: ئاسان چارچاش، ئىش خوشياقماسلىق، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئېغىزى يېپىشقاق بولۇش، ھەتتا چوڭ تەرەت نورمال بولماسلىق قاتارلىقلار. ئۇنداقتا، بەدەندە ھۆللۈكنىڭ بار-يوقلۇقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ 

  بەش چوڭ سىگنال بەدەندە ھۆللۈك بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ:

  1. تىلى قېلىن گەز باغلاش:  ئەگەر تىل قېلىن گەز باغلىغان ياكى تىل سېمىز، تىل گىرۋىكىدە چىش ئىزى بولسا، بەدەندە ھۆللۈك بارلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، مانا بۇ جۇڭيى تېبابىتىدىكى تىل دىياگنوزىدۇر.

  2. بەدەن ئېغىرلاپ كېتىش، ھەرىكەت قىلىشقا ئېرىنىش: بەدەن بەك چارچاپ كەتسە، ئادەم ھەرىكەت قىلىشقا ئېرىنىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ھاردۇقى چىقمايدۇ، بېشى قىيىپ، ئاسانلا ئۇيقۇ باسىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمۇ چىكىنىدۇ. بۇمۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە ھۆللۈك بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، جۇڭيى تېبابىتىدە «بەدىنىدە ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەن ئادەم چارچاپ، ئىش قىلىش خوشياقماس بولۇپ قالىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.

  3. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش: ھۆللۈك تالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، مەيدىسى چىڭقىلىش، قورسىقى كۆپۈش، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش، ئېغىزى يېپىشقاق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. «ھۆللۈك يىغىلىپ بەلغەم ھاسىل قىلىدۇ»، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۇتقۇنچاق قىسمىدا بەلغەم پەيدا بولۇش، يۇتقۇنچاق قىسمى بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

  4. يۈزى ئاسان مايلىشىش: ھۆللۈكى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ يۈزى پاكىز ئەمەستەك سېزىم پەيدا بولىدۇ، چىرايى ساغىرىپ، قارىداپ، مايلىشىپ كېتىدۇ، بەزىدە چېچى مايلىشىپ كېتىدۇ ياكى قۇلاقنىڭ كەينى دائىم ھۆل بولۇپ، چىمچىلاق بارماق بىلەن سىلىسا ماي باردەك ھېس قىلىدۇ.

                                                          (خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى