تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قەشقەر ئەنجۈرنى يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ئەنجۈر دۆلەت ئىچى-سىرتىغا سېتىلدى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنغاچقا، «يېڭى پېتى ساقلاش مەزگىلى ئەڭ قىسقا مېۋە» ئەنجۈر ھازىر شىنجاڭدىن چىقىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىغا سېتىلىدىغان بولدى.

  شىنجاڭدا ئەنجۈر چىقىدىغان ئاساسلىق جايلار قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى. ھازىر دەل ئەنجۈر پىشىدىغان مەزگىل، «ئەنجۈر كەنتى» دەپ ئاتىلىدىغان قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسى يوپۇغا يېزىسى قارا ئۈجمە كەنتىدە، مېۋىلىك باغدىكى ئەنجۈرلەر ئوخشاپ كەتكەنىدى. ئەنجۈر ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقانلار ئەنجۈرنى ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئەنجۈر يېڭى پېتى سېتىلدى، يەنە بىر قىسمى ھاۋانى تەڭشەپ يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىدا ساقلاندى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ قارا ئۈجمە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجى جاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ كەنت 2018-يىلى شىنجاڭ سېنرۈي ياجۇڭ يېڭى پېتى ساقلاش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھاۋانى تەڭشەپ يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، ئەنجۈرنى يېڭى پېتى ساقلاش ۋاقتنى ئۈچ كۈندىن 25 كۈنگىچە ئۇزارتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  شىيۈ چۇەنچى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى لۇيۈ مۇنداق دېدى: يېڭى پېتى ساقلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، ئىلگىرى ئەنجۈر سېتىشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش قىيىن بولغان، يېڭى پېتى ساقلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەنجۈرنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇلتۇر شىركىتىمىز بىر قىسىم ئۆلكە، رايون، شەھەرلەرگە كىچىك كۆلەمدە كىرگۈزۈپ سىناپ باققان. بۇ يىل ئۈرۈمچى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىرىنچى، ئىككىنچى قاتاردىكى شەھەرلەرگە كەڭ كۆلەمدە كىرگۈزىدۇ.

  شىنجاڭ سېنرۈي ياجۇڭ يېڭى پېتى ساقلاش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شىن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر شىركىتىمىز ئەنجۈر يوپۇرمىقىدىن ئىككى توننا ئەنجۈر چېيى پىششىقلاپ ئىشلەپ مالايسىياغا سېتىپ چىقارغان، بۇ يىلقى چاي ئىشلەش خىزمىتىمىز بىر ھەپتىدىن كېيىن باشلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى