تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش شۇنى بىلدۈردىكى، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئوخشاش يۇقۇم مەنبەسىدىن كەلگەن

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن 18-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈي يەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  سۈي يەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى بىرىنچى ۋاقىتتا تەجرىبىسى مول تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئاپتونوم رايونىمىزغا خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. دۆلەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون، شەھەر، رايون(ناھىيە)دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش قوشۇنىنى تېزدىن بىرىكتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن مەھەللىلەرنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ ماسلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېز، چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلەش ئارقىلىق، بار بولۇش ئېھتىمالى بولغان تارقىلىش يوللىرىنى تېزدىن ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.

     تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاساسلىقى مۇنداق تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

    بىرىنچى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بارلىق ئاغرىق مىساللىرىغا قارىتا تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملىنىپ، ۋاقىت تەرتىپى خەرىتىسى ۋە مۇناسىۋەت خەرىتىىسى سىزىلىپ، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ھەرقانداق يىپ ئۇچىنى قولدىن بەرمەسلىككە ھەققىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ھەر كۈنلۈك تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تولۇق تۈگىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    ئىككىنچى، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار تېزدىن رەتكە تۇرغۇزۇلدى ھەمدە ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلدى.

    ئۈچىنچى، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە قارىتا ئۆيدە ئايرىپ قاتتىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرى يولغا قويۇلۇپ، ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچىنىپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلىندى.

    تۆتىنچى، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق مەيدان-سورۇنلارغا قارىتا تولۇقلاپ ئەۋرىشكە ئېلىپ كۆزىتىش-ئۆلچەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى.

    سۈي يەن مۇنداق دېدى: ھازىرقى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنىڭ باسقۇچلۇق تەھلىلىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يۇقۇم يەككە مەنبەدىن كېلىپ چىققان: ئالدىنقى مەزگىللىك ئاغرىق مىساللىرىنىڭ گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش ئارقىلىق كۆرۈلگەن نەتىجىدە نۇرغۇن تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىسىنىڭ تەرتىپى ئوخشاش چىقىپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئوخشاش بىر يۇقۇم مەنبەسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈردى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار: «جىددىي»، «توپلىنىش»، «يېنىك».

    بىرىنچى، «جىددىي»، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى تەرەققىياتى تېز، ئاغرىق مىسالىنىڭ كۆپىيىشى تېز بولدى، 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كېيىن تۆۋەنلەشكە باشلىدى.

    ئىككىنچى، «توپلىنىش»، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا بىرقەدەر كۈچلۈك توپلىنىش خاراكتېرى ئىپادىلەندى، ھازىرغىچە %99.3 ئاغرىق مىسالى ئۈرۈمچىدە كۆرۈلدى، ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن ياكى مۇناسىۋەتلىك ئاغرىق مىسالىدىن سانجىدا بىرى، قەشقەردە ئىككىس كۆرۈلدى.

    ئۈچىنچى، «يېنىك»، ئاغرىق مىساللىرى ئېغىر بولمىغان ئاغرىقلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن، يېنىك ۋە ئادەتتىكى تىپتىكى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولدى.

    سۈي يەن مۇنداق دېدى: مەن كۆپچىلىكنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، ھەقىقىي، تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق بولغاندا، ئېھتىماللىقى بولغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرىنى ئىمكانقەدەر تېز رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگىلى ۋە باشقۇرۇپ تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. ئايرىم كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئىزى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇش قىلمىشى ئۆزىنىڭ داۋالىنىشىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئىنتايىن پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى