تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىنىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخىرلىشىشى مۆلچەرلەنگەن.

    ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەمئىي تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈم، نامراتلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى، شۇنداقلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس تۈر پىلانى تۈركۈمى(تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدىن بۇرۇن تەسىس قىلىنغان)، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، نامراتلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى، شۇنداقلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم(مەخسۇس كۇرس) ئالدىنقى  تۈركۈم، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم(مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىدىن ئىبارەت سەككىز تۈركۈم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە جەمئىي بەش قېتىم ئارزۇ قوبۇل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. «ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي مەكتەپ ۋە تېخنىكا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي كەسپىي تېخنىكومغا ئۆرلەش» تۈركۈمى ۋە ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) ئالدىنقى تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە داۋاملىق باشقا جايدا يىراق مۇساپىلىك توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، باشقا قوبۇل قىلىش شەكىللىرى يوق. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، شەخسىي ئۇچۇرىنى ياخشى ساقلاپ، ئالدىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ھەركۈنى قەرەللىك ھالدا شۇ كۈندىكى قوبۇل قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»(http://www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش نۇمۇرى، كىملىك نۇمۇرى ۋە مەخپىي نۇمۇرىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى