تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولايلى

− ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش بولۇش، ياخشى قەدەم ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان پۇرسەت ۋە خىرىسلار چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېچىلغان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس ۋە غايەت زور بېسىمنى پەسەيتىپ، تۈگىتىپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسنى يېڭىش ئۈچۈن كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، قۇدرەتلىك كۈچ توپلاش كېرەك.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا. ئىچكى جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىك ۋە شارائىتقا ئىگە، تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى، لېكىن يەنە قۇرۇلما خاراكتېرلىك، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، دەۋرىي خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كېتىش ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. تاشقى جەھەتتىن قارىغاندا، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋر باش تېمىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا مۇھىت كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى يەنىلا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بار. بىز پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پايدىلىق تەرەپكە يۈزلىنىپ، زىيانلىق تەرەپتىن ساقلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

ھەر خىل خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنى يېڭىشتە، ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا، بىز دۇچ كەلگەن ناھايىتى نۇرغۇن مەسىلە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك، جەزمەن ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش نۇقتىسىدىن يەنىمۇ تونۇشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ بىر مۇھىم، زور ھۆكۈم، بىز جەزمەن تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزدىن تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسىنى دۆلەت ئىچىگە تېخىمۇ كۆپ قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەپ، دۆلەت ئىچىدە چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى - خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەرشارىۋى بازار تارىيىۋاتقان تاشقى مۇھىت ئالدىدا، بىز جەزمەن دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. قەتئىي بوشاشماي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قۇرۇلما تەڭشەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى دەۋرىيلىك ھالقىپ لايىھەلەش ۋە تەڭشەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ ۋە قوزغىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەم باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، يېشىللىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈستۈنلۈك، شۇنداقلا خىرىسنى يېڭىشتىكى ئاقىلانە تەدبىر. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ۋە باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نىشان يېتەكچىلىكى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم كۈچ يىغىش، كۈچ توپلاش، كۈچ ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەم ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش، ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىشكە ماھىر بولۇپ، ئاچقۇچنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىزدىنىشكە پائال ئىلھام بېرىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتقا تايىنىپ يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈشىمىز، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشىمىز كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش ھەرگىزمۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ بېكىنمە ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى بازىرى ۋە خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى راۋانلاشتۇرۇش، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى يەنىلا تارىخىي ئېقىم، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك يۈزلىنىش. بىز تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: «بىزنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك ئىرادىمىز، قەتئىي غەيرىتىمىز، مۇستەھكەم دۆلەت كۈچىمىز بار، ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، سىناقلارنى يېڭىشتە يېتەرلىك ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز، ئەقىل - پاراسىتىمىز بار، ھەرقانداق دۆلەت، ھەرقانداق كىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخ قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ».

(8 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى