تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلدى، تەكشۈردى

پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى، مەھەللىلەر ۋە دوختۇرخانىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلدى، تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرماقتا، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەڭ كادىرلار، ئامما قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، قەتئىي ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر بىر مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىغا ئىختىيارىي تاللاپ بېرىپ، ھۆددىگە ئېلىش - ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش كاپالىتى، ھەمدە خادىملارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: تېببىي كۆزىتىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاماق بىلەن تەمىنلەش، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىنچىكە خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر تىيانشان رايونى دۇڭچۈەن يولى ئوتتۇرا مەھەللىسىگە ئىختىيارىي تاللاپ بېرىپ، مەھەللىنىڭ يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، مەھەللىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىگىلىدى، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، مەھەللە خىزمىتىدە ساقلانغان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدى ھەم مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەھەللىلەر «قاتتىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش» تەلىپىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر دەنيۈەن، ھەربىر ئائىلىدىكى ئاھالىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەلا مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، پىدائىيلار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى ياخشى تەشكىللەپ، كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئارزۇ - تەلەپلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك. مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇرى ۋە ئاساسىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنى پىششىق ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، مەھەللىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ 7 - نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نورمال داۋالاش مۇلازىمىتى تەرتىپىنى ساقلاپ، ئاغرىقلارنى تارقاق ھالەتتە كېسەل كۆرسىتىشكە تەرتىپلىك يېتەكلەپ، ئادەملەرنىڭ توپلىنىشىنى ئازايتىپ، ئاغرىقلارنى تولۇق، بىخەتەر داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، كۈچلەرنى ئىلمىي يۆتكەپ تەقسىملەپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ، ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: دوختۇرخانا، مەھەللە قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۆز مۇداپىئەسىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، ئاممىنى پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قەتئىي ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، غەلىبە قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى