تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىز مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس مەيدان توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەركىزى «2020 ئاپتونوم رايوننىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس مەيدان توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇرراق، تېزرەك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ قېتىمقى توردا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە بولىدۇ. مۇلازىمەت ئوبيېكتىلىرى: 2020 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار، مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىلگىرىكى يىللاردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» قاتارلىق ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ مۇددىتى توشۇپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى بار تەكلىپ قىلىدىغان ئورۇنلار.

تەكلىپ قىلىدىغان ئورۇنلار، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى(www.xjrc365.com)غا چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئارقىلىق، پائالىيەت رايونىغا كىرىپ تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنىنى ئېلان قىلسا ياكى قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەۋەتسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى