«ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولغاندىن بۇيان، كىرىمىم كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى!» دېدى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى بارۇن خارمودۇن بازىرى قارسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رەيھانگۈل ئابىك.
7-ئاينىڭ 17-كۈنى، رەيھانگۈل كەنتتىكى 20 نەچچە ئايالنى باشلاپ، كەنتتىكى تۇڭفۇ كۆكتات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پارنىكىغا كەلدى، قايسى پارنىكتا قىلىدىغان ئىش بولسا، قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن تەشكىللەنگەن «زەربىدار ئەترەت» كېلىپ ياردەملەشتى. بۇ، پارنىك تېرىقچىلىقى ئائىلىلىرىنىڭ پەسىللىك ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەتنى سىجىل كۈچەيتىپ، تىزىملىتىپ كىرىش، كىرىش ئېغىزىنى تەكشۈرۈش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى جەمئىي 3185كە، كوپىراتىپقا ئەزا بولغان دېھقان 50 مىڭ 200گە، تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى 194كە يەتتى.
7-ئاينىڭ 25-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسى كۆكقاينام كەنتى شازادەم ئۆزگىچە نان مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كوپىراتىپ ئەزاسى نان توشۇماقتا.(لى فېي فوتوسى)
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى جايلار نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە شارائىتى ۋە تەرەققىيات ئارزۇسىغا ئاساسەن، «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + نامرات ئائىلە» پاي ھەمكارلىق تۈزۈمى تىجارەت ئەندىزىسى، «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى + نامرات ئائىلە» مەنپەئەت چاتما مېخانىزمىنى يولغا قويدى، پاي ھەمكارلىقى، زاكاز ئارقىلىق يۆلەش، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى كېڭەيتىپ، تۆۋەن باھاغا كاپالەتلىك قىلىپ سېتىۋېلىش، باھا قوشۇپ سېتىۋېلىش، ئىككىنچى قېتىملىق پايدىنى قايتۇرۇش، «تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش + پايدا تەقسىملەش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەر، كۆلەملىك تىجارەتچى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەخمىنەن 90 مىڭ دېھقان ئائىلىسى، 36 مىڭ 100 نامرات ئاممىنى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشتىن نەپكە ئېرىشتۈردى ھەمدە نامرات ئائىلىلەرنىڭ كەسىپ زەنجىرىگە ھەقىقىي سىڭىپ كىرىپ، مۇقىم نەپكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
«学习强国»دىن تەرجىمە قىلىندى