تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يەنە بىر يول بۆلىكىدە قۇرۇلۇش تاماملاندى! تۇزكۆل ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە كىرگىلى بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ لياڭ خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 20 دە، G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىش يۆنىلىشىدىكى 3518 كىلومېتىر (داۋانچىڭ ئېرشىلىديەن)دىن 3524 كىلومېتىر (تۇز كۆل ھەق ئېلىش پونكىتى)غىچە بولغان يول بۆلىكىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، قاتناش ئېچىۋېتىلدى، بۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتىدىغان شوپۇرلار تۇزكۆل ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە كىرسە بولىدۇ، 312-نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولىدىن ئايلىنىپ ماڭمىسىىمۇ بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى داۋانچىڭ چوڭ ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى شوپۇر دوستلارغا قاتناش بەلگە تاختىسى بويىچە يول يۈرۈپ، مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاپ، بىخەتەر سەپەرگە چىقىشنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى