تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

CBA: شىنجاڭ كوماندىسى تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىردى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ روچى خەۋەر قىلىدۇ): 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسىللىك CBA شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈكتىن تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرىش مۇسابىقىسىدە، دائىمىي مۇسابىقە بۆلىكىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا يەتتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بېيجىڭ كۇڭگۇ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئىككى كوماندا ماھىرلىرىنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، مۇسابىقىمۇ ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، شىرئەلىجان مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنچى مەيدانىدا تۆت قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىنى نومۇر جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى، بېيجىڭ كۇڭگۇ كوماندىسىدىكى چەت ئەللىك ماھىر نومۇر پەرقىنى كىچىكلىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ مەقسىتىگە يېتەلمىدى. نەتىجىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 91گە قارشى 103 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كۇڭگۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.

مۇسابىقىدىكى قىزىق نۇقتا: شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرىش مۇسابىقىسىدە بىر قېتىم يېڭىلىپ شاللىنىش تۈزۈمى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەڭگەن كوماندا بىۋاسىتە تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىدىكەن.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى ماھىر: شىرئەلىجان، ئۇ 21 نومۇرغا ئېرىشىپ، گاردىن قايتقان بەش توپنى ئېلىپ، ئىككى قېتىم نومۇر ئېلىشقا ياردەملەشكەن.

سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسى: پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئاتقان ئىككى نومۇرلۇق توپنىڭ كىرىش نىسبىتى %56.5، ئۈچ نومۇرلۇق توپنىڭ كىرىش نىسبىتى %36.4، جازا توپنىڭ كىرىش نىسبىتى %71.4 بولغان.

شىنجاڭ كوماندىسى: جوۋ چى 27 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان 12 توپنى ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئىككى قېتىم گارغا توپنى كۆمتۈرۈپ سالدى؛ فەن زىمىڭ 12 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان 11 توپنى ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ قىرانبېك 10 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان ئىككى توپنى ئالدى؛ تاڭ سەييۈ يەتتە نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان ئىككى توپنى ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ شىرئەلىجان 21 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان بەش توپنى ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ يۈ چاڭدۇڭ توققۇز نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان تۆت توپنى ئالدى؛ چى لىن ئىككى نومۇرغا ئېرىشتى؛ ليۇ لىپېڭ ئۈچ نومۇرغا ئېرىشتى؛ رەپقەتجان سەككىز نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان بەش توپنى ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ زېڭ لىڭشۈ تۆت نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان بەش توپنى ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتتى.

شىنجاڭ كوماندىسى:

بېيجىڭ كۇڭگۇ كوماندىسى:

ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى:

شىنجاڭ ئىلى ئالاھىدە ھارىقى كوماندىسى VS بېيجىڭ كۇڭگۇ كوماندىسى

شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ كوماندىسى تارىختا جەمئىي 12 قېتىم مۇسابىقىلەشكەن، شىنجاڭ كوماندىسى 11 مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان يېڭىلگەن، ئىككى كوماندا ئەزەلدىن شاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇچرىشىپ باقمىغان. شاللاش مۇسابىقىسىدە 12 كۈچلۈك كوماندىدىن سەككىز كۈچلۈك كوماندىغا كىرىدىغان مۇسابىقىدە، بېيجىڭ كۇڭگۇ كوماندىسى 106گە قارشى 108 نەتىجە بىلەن جىلىن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭگەن.

گەرچە بۇ بېيجىڭ كۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم شاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولسىمۇ، لېكىن كوماندىنىڭ باش تىرېنېرى مابرىي، توپچى سۈن يۆ، سۈن تۇڭلىن، ۋاڭ زىرۈي قاتارلىقلارنىڭ شاللاش مۇسابىقىسى ھەتتا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتەك مول تەجرىبىسى بار. سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، شىنجاڭ كوماندىسىدا جوۋ چىدىن باشقا، قىرانبېك، شىرئەلىجان، يۈ چاڭدۇڭنىڭ ئوخشاشلا مول بولغان شاللاش مۇسابىقىسى تەجرىبىسى بار، زېڭ لىڭشۈ ۋە فەن زىمىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە كوماندا بىلەن بىللە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان، بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەۋزەللىكى.

ئىككى كوماندىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدانغا چۈشكەن ماھىرى:

شىنجاڭ كوماندىسىدىن: جوۋ چى، فەن زىمىڭ، قىرانبېك، تاڭ سەييۈ، شىرئەلىجان.

بېيجىڭ كۇڭگۇ كوماندىسىدىن: سۈن تۇڭلىن، ۋاڭ شاۋجيې، سۈن يۆ، ۋاڭ زىرۈي، فاگ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى