تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيلى، كېڭەيتەيلى

− ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ يىل كىرىشى بىلەن، بىز تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدۇق، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مىسلىسىز زەربە ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇقىم ياخشىلىنىش ھالىتى كۆرۈلدى. پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.

يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېچىلغان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى تەكشى، مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى، 3 -، 4 - پەسىلدە پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى زىياننى تىرىشىپ تولدۇرۇۋېلىش كېرەك.

ئادەم ئىرادىلىك بولسىلا، قاتمۇقات توسالغۇ، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ مەنزىلگە يېتەلەيدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىقتىساد 1 - پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 تۆۋەنلىدى، 2 - پەسىلدە مۇقىم بولۇپ قايتا ئېشىپ، مەنپىي ئېشىشتىن مۇسبەت ئېشىشقا ئۆزگىرىپ، %3.2 ئاشتى؛ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 5 مىليون 640 مىڭ كىشى بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %62.7ى تاماملاندى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۇدا ئۈچ ئاي مۇسبەت ئېشىشنى ساقلىدى، ئېكسپورت سوممىسى ئۇدا ئۈچ ئاي مۇسبەت ئاشتى، ئىمپورت سوممىسى 6 - ئايدا مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى... بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەشتىن ئۆرلەشكە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. «تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەتتۇر، چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىكى پۇرسەتتۇر.» بىز پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى تاشلاپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، جەڭ نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ دەل جايىدا بولۇشى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇشنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۆۋەن چېكى، جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى كېرەك. جەزمەن تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، داۋالاش - سەھىيە ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ۋاقىت، ۋەزىيەتكە قاراپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، يوشۇرۇن كۈچى تولۇق، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، ئايلىنىپ ئەسلىگە كېلىش بوشلۇقى زور، سىياسەت قورالى كۆپ بولۇشتەك ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمىدى، بۇلار كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىشەنچىمىز ۋە غەيرىتىمىز ئاساسى. «ۋاقىتنى تولۇقلىۋېلىش، زىياننى تولدۇرۇۋېلىش كېرەك!» پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دەل مۇشۇنداق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ بولۇشى كېرەك. پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشتە ئاچقۇچلۇقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساس نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ ۋە قوزغىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداش كېرەك.

«مەۋج ئۇرغان ئەزىم دەريادا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىمەكتە بىر كېمە، ئىككى قىرغاقتىكى يېشىل تاغ مەنزىرىسىنى قالدۇرۇپ ئۇ كەينىدە.» ئۆتكەنگە نەزەر سالساق، جۇڭگو ئىقتىسادى يول بويى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى، زورايدى. مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسلار ئالدىدا، بىز كۈچ يىغىش، كۈچ توپلاش، كۈچ ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش، ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىشكە ماھىر بولۇپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتساقلا، جەزمەن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى كۈتۈۋالالايمىز.

(8 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى