تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شېخىدا قۇرۇتۇلغان گۈلە تېكەس ناھىيەسىدىكى باغۋەنلەرنىڭ بېيىش «ئالتۇن مېۋىسى»گە ئايلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر دەي كەيلى، شەمخەر): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى تەبىئىي بايلىققا تايىنىپ، ئورگانىك، يېشىل بولۇشنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك ئىستىراھەت ساياھىتى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شېخىدا قۇرۇتۇلغان گۈلە، ئالما، شىمېي قاتارلىق ئۆزگىچە تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

  7-ئاي كىرىشى بىلەن، تېكەس ناھىيەسىدىكى شېخىدا قۇرۇتۇلغان گۈلە ئارقا-ئارقىدىن يىغىش مەزگىلىگە كىردى، ھەرقايسى چوڭ مېۋىلىك باغلاردا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەندى. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، تېكەس ناھىيەسى قارادالا بازىرى قاراغاشتى كەنتىدىكى لى شېڭيۈنىڭ ئۆرۈكلۈكىدە، مېۋىلەر شاخقا لىق تولغان بولۇپ، 20 نەچچە دېھقان كىچىك چېلەكلەرنى كۆتۈرۈپ، شېخىدا قۇرۇتۇلغان گۈلىلەرنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

  لى شېڭيۈنىڭ بېغى ئەتراپىدىكى بىر ئوچۇق شەكىلدىكى ئايرىش، ئوراش-قاچىلاش لاپىسىدا، نەچچە 10 ئىشلەمچى بىر يەرگە دۆۋىلەپ قويۇلغان گۈلىلەرنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، مېۋىنىڭ پىشىش دەرىجىسى ۋە سۈپىتىنىڭ ياخشى-ناچارلىقىغا ئاساسەن ئايرىپ، ئوراپ-قاچىلاپ توشۇۋاتاتتى. كەنت ئاھالىسى ما ۋېنمېي مۇنداق دېدى: «بىز ھەركۈنى گۈلە ئايرىش، ئوراش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز، ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك گۈلىلەرنى تاللاپ يەشىككە قاچىلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنى ئەڭ ياخشى گۈلە يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

  تېكەس ناھىيەسىدىكى شېخىدا قۇرۇتۇلغان گۈلىنىڭ تەمى ئۆزگىچە، سۈپىتى ئەلا بولۇپ، نۇرغۇن سودىگەرلەرنى زاكاز قىلىشقا جەلپ قىلدى. سودىگەرلەر يەشىككە قاچىلانغان گۈلىنى سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلىغا قاچىلاپ، بېيجىڭ، خېبېي، ئەنخۇي، چىڭداۋ، داليەن قاتارلىق جايلارغا بىۋاسىتە توشۇدى. ھازىرغىچە، سودىگەرلەر 200 توننا شېخىدا قۇرۇتۇلغان گۈلىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ساتتى. بۇ يىل، تېكەس ناھىيەسىدە شېخىدا قۇرۇتۇلغان گۈلە كۆلىمى 31 مىڭ مو بولۇپ، مېۋە بەرگەن كۆلەم 11 مىڭ مو بولغان، مۆلچەرلىنىشىچە، مەھسۇلات مىقدارى 7 مىڭ 700 توننىغا يېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى