تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ خىزمەت ئىزدىشىگە ياردەمچى بولدى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى چۈەنجى خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى (www.xjrc365.com)غا چىقىپ تىزىملىتىپ، قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللاپ، خىزمەت ئىزدىسە بولىدۇ.

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش، ئاپتونوم رايون بويىچە مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇر، تېزرەك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 8-ئايدا 2020 ئاپتونوم رايوننىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس مەيدان توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  2020-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار، مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ مۇددىتى توشۇپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورىغا چىقىپ، ھەقسىز تىزىملىتىپ، خىزمەت ئىزدىسە بولىدۇ.

  ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. نۆۋەتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىدە، ئاپتونوم رايون مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىلا ئەلالاشتۇرۇپ، توردا مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇر ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تېزرەك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  مەخسۇس مەيدان توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنىدىن باشقا، ئاپتونوم رايون كۆپ خىل سۇپا ئارقىلىق 24 سائەت «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىدە ئىشتىن چۈشمەسلىك، توردا تەكلىپ قىلىشتا دەم ئالماسلىق»نى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. خىزمەت ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بولغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى، شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تورى (/http://www.xjggjy.com)غا چىقسا ياكى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى xjrc365comغا ئەگىشپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىغا خادىم تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىدىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بولسا بولىدۇ. يەنە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى، ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى چۈشەنسە، تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئۈرۈمچىدە خىزمەت ئىزدىمەكچى بولسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسى (/http://www.wlmqrc.com)غا چىقىپ، ئالاقىدار ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى