تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالتاي شەھىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئاپتاپپەرەس بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلدى

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرى ساي تېرەك كەنتىدە تارتىلغان ئاپتاپپەرەسنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى. 

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ئارداق خەۋىرى، فوتوسى): ياز پەسلىدە، ئالتاي شەھىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئاپتاپپەرەس بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئالتۇن رەڭلىك مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى.

  7-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرى ساي تېرەك كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى فاڭ شياڭجۈننىڭ ئېتىزىدا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاپتەپپەرەس سۇغىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، فاڭ شياڭجۈن بۇلتۇر 70 مو يەرگە ئاپتاپپەرەس تېرىپ پايدىغا ئېرىشىپ، بۇ يىل تېرىقچىلىق كۆلىمىنى يەنە كېڭەيتتى. يىراقتىن قارىغاندا، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا ئالتۇندەك چاقناپ تۇرغان ئاپتاپپەرەس بىلەن ياپيېشىل دالا گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. نۆۋەتتە، 100 مو يەردىكى ئاپتاپپەرەس پورەكلەپ ئېچىلدى، ئېچىلىش مەزگىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ ئاپتاپپەرەس يۇرتداشلارنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن يەرلىك ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى