تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ساغلام سۇ ئىچىش ساۋاتلىرى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: سۇنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم ئىچىش. سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئادەم بەدىنىدىكى ھەربىر ھۈجەيرە سۇ ئارقىلىق ساقلىنىدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈنىگە 1700 ~ 1500 مىللىلىتىر سۇ ئىچىشى تەۋسىيە قىلىنغان، سۇ ئىچمەسلىك ياكى سۇنى بەك ئاز ئىچىش ئاسانلا قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىدىكەن. يۈرەك ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغان ئاغرىقلار سۇنى جىددىي، تېز ئىچسە، ئاسانلا يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋىتىدىكەن. شۇڭا، كۆپچىلىك تۇرمۇشتا ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، سۇ تەركىبىنىڭ نورمال قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇسساپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئىچمەسلىكى كېرەك. يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى دوختۇر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇۋاپىق بولغان سۇ ئىچىش مىقدارىنى بېكىتىشى، تۇرمۇشتا تۇز، سۇغا چەك قويۇشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  سۇنى ئاز-ئازدىن ئاستا-ئاستا ئىچىش. يۇيۇنۇپ ياكى ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سۇسىزلىنىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ، شۇڭا سۇنى ئاز-ئازدىن ئاستا سۈرئەتتە تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. كۆپ مىقداردا تەر چىقىرىلغاندىن كېيىن، بەدەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قىسىم تۇز تەركىبىنى يوقىتىدۇ، سۇس تۇز سۈيى ياكى ھەرىكەت تىپىدىكى ئىچىملىكلەرنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

  تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش. تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىپ بەرگەندە، تاماق مىقدارىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى