چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتىدە چوڭ مېڭە ئىنتايىن جانلىق، ئاسان چۈش كۆرۈش باسقۇچىدا تۇرىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ %50ى چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتىدە بولىدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بولسا %20كە يېقىنلىشىدۇ. ئامېرىكا ستانفورد داشۆسىنىڭ يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتى ئۇزۇن كىشىلەرنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.
تەتقىقات ئەترىتى ئوتتۇرىچە يېشى 76 ياش بولغان 2600دىن كۆپرەك ئەرلەرنى 12 يىل زىيارەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىچە يېشى 52 ياش بولغان 1400غا يېقىن ئەر، ئايالنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى يىغقان، سانلىق مەلۇماتنىڭ زىيارەت ۋاقتى 21 يىل بولغان. سېلىشتۇرما ئانالىز نەتىجىسىدە، چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىڭ بارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ھەمدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇيقۇ ۋاقتىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى ھەر %5 ئازلىسا، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %17~%13 يۇقىرىلايدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسى «ئامېرىكا مېدىتسىنا جەمئىيىتى ژۇرنىلى. نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتى بەدەننىڭ بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقىنى پەسەيتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، يەنە چوڭ مېڭىنى (ئىقتىدارى) ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، ئۇيقۇنىڭ ئومۇمىي ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئوخشاش بولمىغان ئۇيقۇ باسقۇچلىرى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتى پۈتۈن ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ %15ىنىمۇ ئىگىلىمىگەن قۇرامىغا يەتكۈچىلەر كىلىنكىلىق ئارىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتقاندا، كۆپ خىل كېسەللىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاغرىقنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتالايدىكەن.
خەلق گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى (ۋاڭ خەيياڭ)