تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىنى يىل ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ مىڭلىن، شيا دەندەن خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش-قونۇش يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، ئاۋىياتسىيە بىناسى قاتارلىق بارلىق ئاساسىي گەۋدە ئىمارەتلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى پۈتۈپ، يىل ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى.

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش-قونۇش يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاۋىياتسىيە بىناسى، مۇنار سۇپىسى، ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش بىناسى ئۆزئارا قوشنا سېلىنغان بولۇپ، ئاۋىياتسىيە بىناسى، ماي بىلەن تەمىنلەش رايونىدىكى بارلىق ئاساسىي گەۋدە ئىمارەتلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى پۈتكەن، 34 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سەككىز قەۋەتلىك مۇنار سۇپىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى تاماملىنىپ، پولات قۇرۇلما ۋە ئىچكى-تاشقى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا كىرگەن.

   بۇ قۇرۇلۇش يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 180 مىڭ ئادەم قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى 400 توننا بولۇش نىشانىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن، ئۇچۇش رايونىنىڭ كۆرسەتكۈچ ئۆلچىمى 4C. ئاساسلىق قۇرۇلۇشلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۇزۇنلۇقى 3200 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر كېلىدىغان بىر ئۇچۇش-قونۇش يولى؛ 3200 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسى ۋە ئالتە ئايروپىلان ئورنىلىق توختىتىش مەيدانى؛ بىر مۇنار سۇپىسى ۋە 800 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش بىناسى؛ يانداش قۇرۇلۇشلاردىن ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش، ماي بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار. ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش بىناسى، مۇنار سۇپىسى ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 846 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

  كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتى قىسقا، ۋەزىپىسى ئېغىر، سۈپەت تەلىپى قاتتىق بولۇپ، ئۇ دۆلەت، ئاپتونوم رايون، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، «دۆلەتنىڭ 30 چوڭ ئايرودۇرۇم تۈرى»نىڭ بىرى، شۇنداقلا خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇقتىلىق قوللاش تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى 10 ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئالتە تۈرنى داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇشنى پىلانلىغان، بۇلار قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى، كېرىيە، موڭغۇلكۈرە، تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ تۆت تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلانغان بولۇپ، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى، گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق، بارىكۆل ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى