تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، غۇلجا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىنىڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ شيەنپىڭ، نۇرخات): مۇخبىرلارنىڭ يېقىندا شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، غۇلجا چېگرا ھەمكارلىق رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە يۈكسىلىپ، ئايلىنىش ھالىتى ياخشى بولغان.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، غۇلجا چېگرا ھەمكارلىق رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 90 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.2 ئاشقان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، غۇلجا چېگرا ھەمكارلىق رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم ئېشىپ، سانائەت ئىقتىسادىدا تېز ئېشىش كۆرۈلگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد 50 مىليون يۈەنگە، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 890 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.5 ئاشقان. كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 970 مىليون يۈەنگە، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 870 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.7 ئېشىپ، باھالاش نىشانىنىڭ %51.1ى تاماملانغان. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، كۆلەمدىن تۆۋەن كارخانىلارنىڭ ئىش باشلاپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېيىنرەك بولغان، لېكىن كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىنى تەدرىجىي تۈگىتىپ، تۆۋەنلەش نىسبىتىنى ئايمۇئاي ئازايتىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەھسۇلات قىممىتىنى 84 مىليون يۈەنگە، سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى 30 مىليون يۈەنگە يەتكۈزگەن.

  ئاساسلىق كەسىپلەردىن قارىغاندا، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدە ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئورۇنلانغان مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.9 ئاشقان. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.7 ئاشقان. ئەنچى ئېچىتقۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، زامانىۋى بىيولوگىيە كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 240 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.5 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى