تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

كورلا شەھىرىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار تۇغقانلىرىغا ھېيتلىق سالام يوللىدى

  بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ شۇاڭ، پىراكتىكانت لىن يىنو): 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قۇربان ھېيت، كورلا شەھىرىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋېيشىن ۋە تېلېفوندا قوشماقلاشقان تۇغقىنىغا ھېيتلىق سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

  «قەمبەرگۈل، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دېدى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى كورلا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى شيې جۈن. ئۇ خىزمەت سەۋەبىدىن قوشماقلاشقان تۇغقىنى قەمبەرگۈل گايىت بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن قۇربان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزەلمىگەنلىكتىن، تېلېفوندا بەخت تىلىدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىنى سورىدى.

  «ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت، بىزنى دائىم ئەسلەپ تۇرغىنىڭىزغىمۇ رەھمەت. ھازىر بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتىمىز» دېدى قەمبەرگۈل تېلېفوندا شيې جۈنگە.

  كورلا شەھىرى خۇيزې جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ھىمىت يۈسۈپ شۇ كۈنى تېلېفوندا كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى خۇاڭ ۋەنلىنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. «بىزنىڭ تەييارلىۋالغان گۆش، كۆكتاتلارىمىز خېلىلا كۆپ، ئۆيدە ھەممە نەرسە يېتەرلىك» دېدى ھىمىت، ئۇ قوشماقلاشقان كادىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يېقىن تۇغقىنىدەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە، ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  كورلا شەھىرى لەڭگەر يېزىسى لەڭگەر كەنتى ئۈچىنچى گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىسى ئوسمان ئەمەت تېلېفوندا كورلا شەھەرلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىدىكى قوشماقلاشقان كادىر تۇغقىنى لى چيۇڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ مېۋىلىك بېغىدىكى مېۋىلەرنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. «ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. ئۆزىڭىزنى بەكرەك ئاسراڭ، ۋاقىت چىقىرالىسام سىزنى چوقۇم يوقلاپ بارىمەن» دېدى لى چيۇڭ ۋېيشىن ئارقىلىق ئوسمانغا بايراملىق سالام يوللاپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى