تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ نېپال زۇڭتۇڭى باندارى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

جۇڭگو - نېپال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ نېپال زۇڭتۇڭى باندارى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ نېپال زۇڭلىسى ئوللى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېپال زۇڭتۇڭى باندارى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - نېپال دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇلتۇر، مەن ۋە زۇڭتۇڭ باندارى ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈردۇق. ئىككى دۆلەت جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو - نېپال دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. مەن جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ باندارى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ زور بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىش، رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.

باندارى تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نېپال - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئاساسى پۇختا. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى. نېپال تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئالقىشلايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىدۇ. نېپال تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى توسقانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ نېپالنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن بەرگەن قىممەتلىك مەدىتىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. نېپال تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان كەڭ ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ نېپال زۇڭلىسى ئوللى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - نېپال ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئوللى تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سىجىل مۇقىم ساغلام ھالدا ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. نېپال تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ نېپال تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.