تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى يېشىل تۈسكە تولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شى شىن، ليۇ شياڭ، جېن شىشىن، جاڭ ئاۋ، لۈ يىخەن، پىراكتىكانت جياڭ يىياۋ

باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى قىزىق پىروكاتلاش زاۋۇتىنىڭ پۈتۈن ئاپتوماتىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى (7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تارتىلغان).

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى)

ئاسمان كۆپكۆك، دومنا پېچ ھەيۋەتلىك، كۆل سۈيى سۈپسۈزۈك بولۇپ، رەتلىك زاۋۇت ئۆيلىرى ۋە ئەگرى - بۈگرى تۇرۇبىلار يېشىل دەرەخلەر ئارىسىدا كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. كۆكەرتىش نىسبىتى %47.74كە يەتكەن باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىغا كىرگىنىمىزدە، خۇددى يېشىللىققا پۈركەنگەن چوڭ گۈللۈك باغقا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق.

شەھەر بىلەن تېخىمۇ يۇغۇرۇلۇپ، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇھىتنى ئاسراشتا «قوش پايدا ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ شەھەر پولات - تۆمۈر زاۋۇتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بەرگەن يېشىل تەرەققىيات جاۋابى.

يېشىل تەرەققىيات ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تېمىسىدىكى زۆرۈر مەزمۇن. ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى يېشىللاشتۇرۇش كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى قانداق قىلغاندا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە «يېشىل تۈس»نى قويۇقلاشتۇرالايدۇ، يەنە قانداق قىلغاندا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئورگانىك بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؟ نەچچە كۈندىن بۇيان، گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۈچ كارخانىغا بېرىپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى سۈپەتكە «كۈچ - قۇۋۋەت قوشقانلىقى»نى كۆردى.

قالاق كەسىپ يوق، پەقەت قالاق كارخانا بار

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئوكسىگېنلىق دومنا پېچىغا ئوت يېقىلدى ھەم بىرىنچى باسقۇچلۇق سانائەت سىنىقى قوزغىتىلىپ، دۇنيا پولات - تۆمۈر كەسپىدىكى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىگە رەسمىي جەڭ ئېلان قىلىندى.

ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى دومنا پېچ بىلەن قانداق پەرقى بار؟

«كاربون ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوكسىگېنلىق دومنا پېچ ئازوتسىز مۇھىتتا يۈرۈشكەچكە، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى زور ھەجىمدە ئۆستۈرۈشنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى ئوكسىگېنلىق دومنا پېچىنىڭ پېچ باشلىقى تيەن باۋشەن مۇنداق دېدى: تەجرىبە سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئوكسىگېنلىق دومنا پېچنىڭ كوكۇس نىسبىتى ئەنئەنىۋى دومنا پېچقا قارىغاندا بىر ھەسسىدىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ، بايلىق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

كىشىلەرنىڭ بۇرۇندىن بار ئېڭىدا، پولات - تۆمۈر كەسپى ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىشى يۇقىرى، بۇلغىشى يۇقىرى بولۇشتىن دېرەك بېرەتتى. ھالبۇكى، كىم «ئەنئەنىۋى» بولسىلا «قالاق» بولىدۇ دەيدۇ؟

1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پولات - تۆمۈر كەسپىدە باشلامچىلىق بىلەن كېرەكسىز سۇ قويۇپ بەرمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەرلەردە سۇنى قايتا ئىشلىتىش تۈرىنى قۇرۇپ، ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇدىن 1 مىليون 800 مىڭ كۇب مېتىر تېجەپ قالدى؛ يېشىل مېتاللورگىيە تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، كېرەكسىز، كونا بالون، كېرەكسىز ماي قاتارلىق شەھەر كېرەكسىز، تاشلاندۇق بۇيۇملىرىنى تۈركۈملەپ بىرتەرەپ قىلىپ، شەھەرگە نەپ قايتۇردى؛ يېقىندا يەنە پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى تۆۋەن كاربونلۇق مېتاللورگىيەدە يېڭىلىق يارىتىش سانائەت سىناق سۇپىسى قۇردى...

«نېمىگە تاياندۇق؟ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.» 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شياۋ گودۇڭ ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى جەمئىي 5 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، سانائەت كېرەكسىز سۈيىنى چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، كۆيدۈرۈش ماشىنىسى ئارقىلىق گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش - نىتراتسىزلاشتۇرۇش، كوكس پېچ ئارقىلىق گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش - نىتراتسىزلاشتۇرۇش ھەمدە چوڭ تىپتىكى 11 يۇمىلاق شەكىللىك ماتېرىيال ئامبىرى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم مۇھىت ئاسراش - تۈزەش ئەسلىھەلىرى ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، «كېرەكسىز گازنى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن قويۇپ بېرىش، كېرەكسىز سۇ قويۇپ بەرمەسلىك، قاتتىق تاشلاندۇقنى زاۋۇتتىن چىقارماسلىق»نى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى.

پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە «يېشىل تۈس» قويۇقلاشتى

1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنى ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى دېيىشكە بولىدۇ. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردە، ئوخشاشلا بىر قەدەم ئالدىدا ماڭغان داڭلىقلار بار.

ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) غا جايلاشقان شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىشنى يادرو قىلغان، ئىلغار ساپال، سىركونىي ئاساسىي يېڭى ماتېرىيالى، پاراشوكسىمان يېڭى ماتېرىيال، ئورگانىك سىلىتسىي ھەمدە ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت ئالتە چوڭ بۆلەك ماسلاشتۇرۇلغان يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ گۇرۇھى، شۇنداقلا كەسىپلەر بويىچە تۇنجى يېشىل لايىھە، يېشىل مەھسۇلات، يېشىل زاۋۇت، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن ئۈلگىلىك كارخانا.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېشىل تەرەققىيات بولۇشى كېرەك. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، بىز ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك» دېدى شىنتې ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى شىلياڭ.

ئۇ ئېنېرگىيە تېجەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا مىسال كەلتۈردى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، شىركەتنىڭ ھەر كىلوگىرام كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىيات دۆلەت ئۆلچىمى 120 كىلوۋات سائەت بولۇپ، يېقىنقى بەش يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ھازىر ھەر كىلوگىرام كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىياتى 65 كىلوۋات سائەتتىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن. دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەرلەپ ھېسابلىغاندا، 10 مىڭ توننا كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىيدا يىلىغا 67 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

بايلىق چەكلىك، يېڭىلىق يارىتىش چەكسىز، يېشىل يولدا مېڭىش. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا كۆيدۈرۈپ تاشلىۋېتىلگەن ئۇۋاق كۆمۈر كۈلىنىڭ ھېچقانداق كېرىكى يوق، دەپ قارايتتى، لېكىن، شىنتې ئېنېرگىيەسىدە، بۇلار كۆركەم ئۆزگەرتىلىپ، پارچە - پارچە «كېسەك ئالتۇن»غا ئايلاندى.

«بىزنىڭ مۇستەقىل شىركىتىمىز ئۇۋاق كۆمۈر كۈلىنى يېشىل، يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قىلىپ ياساپ چىقىپ، ئۇنى قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى خام ماتېرىيالغا ئايلاندۇرۇپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، <يېشىل، يېڭىلىق يارىتىش، ئايلىنىش، قىممىتىنى ئاشۇرۇش> ئىدىيەسىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈردى.» لى شىلياڭ مۇنداق دېدى: بۇ پەقەت شىركەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتىدىكى بىر ئايرىم مىسال، كارخانا بەش قارارلىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق، «قۇرۇلمىلار ئارا كىچىك ئايلىنىش، كەسىپلەر ئارا ئوتتۇرا ئايلىنىش، باغچە رايونىدا چوڭ ئايلىنىشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈردى.

قىيىن ئەھۋالدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، تەرەققىيات يېڭى يولىنى ئاچتى

نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆمۈردىن ئولېفىن ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ ھەممىسى بەزى ئورتاق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، مەسىلەن، ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، سۇ سەرپىياتى يۇقىرى بولۇش، مۇھىت ئاسراش سىياسىتى چىڭىپ كارخانىلارنى مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈشكە قىستاش، مەھسۇلات قۇرۇلمىسى بىرلا خىل بولۇش قاتارلىقلار. لېكىن مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى 2018 - يىللىق نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى كەسپىدىكى نۇقتىلىق ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان مەھسۇلاتلار ئېنېرگىيە ئۈنۈمىدە باشلامچى ئۈلگىلىك كارخانىلار (كۆمۈردىن ئولېفىن ئىشلەپچىقىرىش) بويىچە بىرىنچى بولۇپ باھالاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى سىر زادى نەدە؟

«يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ يېشىل تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەتنى ھەل قىلدۇق.» مەزكۇر شىركەت سۈپەت - تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ گوشياڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ پۈتۈن يۈرۈش تېخنولوگىيە لىنىيەسىنى لايىھەلەش ئۆلچىمى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، تۈرلۈك مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىگە بىر يولىلا 3 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدۇق، بۇ قالدۇق گازنى بىر تەرەپ قىلىش، كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، قاتتىق تاشلاندۇقنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇۋاق كۆمۈرنى تۈزەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە، تېخنىكلار كۆپ تەرەپتىن كۆمۈر مەنبەسىنى ئىزدەپ، كۆمۈر تەقسىملەش تەجرىبىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، گازلاشتۇرۇش پېچىغا ماس كېلىدىغان كۆمۈر تەقسىملەش كۆمۈر تۈرى ۋە كۆمۈر تەقسىملەش نىسبىتىنى ئوڭۇشلۇق تېپىپ چىقتى. تېخنولوگىيە تەرتىپىدە، ئۇلار «ئېنېرگىيە تېجەش 2 + 4» يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ قوللىنىپ، گازلاشتۇرۇش پېچىدا بەش پېچنىڭ ئورنىغا تۆت پېچ ئىشلىتىش يۈرۈشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، بىرىكمە گاز بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشنى قاندۇردى، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پار قازاندا ئۈچ پار قازاننىڭ ئورنىغا ئىككى پار قازان يۈرۈشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، پۈتۈن زاۋۇتنىڭ پار تەڭپۇڭلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇردى. بۇ ئۆزگىرىش، گازلاشتۇرۇش پېچىنىڭ ئوتتۇرىچە يۈرۈشۈش دەۋرىنى 30 كۈنگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدىن 70 كۈندىن كۆپرەككە ئۆستۈردى.

ئۈچ كېرەكسىزنى تۈزەش جەھەتتە، شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ ياساشنى يولغا قويدى.

بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، جەزمەن ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. شىركەتنىڭ ئېنېرگىيە ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى 2017 - يىلىدىكى %35تىن ھازىرقى %41تىن كۆپرەككە ئۆستى، ھەر توننا دىئېننىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىياتى 2017 - يىلىدىكى 3178 كىلوگىرام ئۆلچەملىك كۆمۈردىن نۆۋەتتىكى 2657 كىلوگىرام ئۆلچەملىك كۆمۈرگە تۆۋەنلىدى، ھەر توننا دىئېننىڭ سۇ سەرپىياتى 2017 - يىلىدىكى 23 توننىدىن نۆۋەتتىكى 15 توننىدىن تۆۋەنگە چۈشتى.

«يېشىل رەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئاساسى رېڭى، كۆمۈردىن ئولېفىن ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدىكى پاكىز يول ئۈستىدە ئىزدىنىش دۆلەتكە، خەلققە پايدىلىق ياخشى ئىش، شۇنداقلا كارخانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى» دېدى ۋۇ گوشياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى