تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئىللىقلىققا تولغان قۇربان ھېيت

  7-ئاينىڭ 31-كۈنى، كۇچا شەھىرى شىنچېڭ كوچىسى چىڭفېڭيۈەن مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر توردا سىن ئارقىلىق ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئۆزئارا بەخت تىلەپ، بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.(نىياز راخمان فوتوسى)

  7-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ ئەيلېشى يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئاشپىزى پولۇ ئەتمەكتە. شۇ كۈنى، بۇ شىركەت جەمئىي 2000 كىشىلىك پولۇ ئېتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان مەھەللە كادىرلىرىغا ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر سۇ لۇپىڭ، جاۋ چۈنخۇا، ۋېي خۇڭپىڭ، جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، جوۋ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئۆز ئارا بەخت تىلىدى، ئىتتىپاقلىقنى سۆزلىدى، بىر خىل ئىللىقلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قاپلىدى.

  ئۆزگىچە بايرامدىكى ئىللىق مېھىر-مۇھەببەت

  7-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەردە، تۇغقىنىغا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بىر پۇت قوي گۆشىنى پىدائىيغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجى خۇاڭ بىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ، يېقىن ئەتراپتىكى كالا-قوي گۆشى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىغا كىلىپ، ئاھالىلەر ئۈچۈن زاپاس گۆش سېتىۋالدى.

  شۇ كۈنى قۇربان ھېيت ئىدى، بايرام مەزگىلىدە ھەر مىللەت ئاممىنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سايباغ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، لۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر، ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلار ئۈچۈن 400 كىلوگىرام كالا-قوي گۆشىنى ۋاكالىتەن سېتىۋالدى.

  كۈندىلىك كۆكتات، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، خۇاڭ بىن يەنە تۆت جايدىكى كالا-قوي گۆشى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەھەللىگە مال يەتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭدىن سىرت، خىزمەت ئەترىتى يەنە تەۋەلىك رايوندىكى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر قاتارلىقلارغا كالا- قوي گۆشى، كۆكتات سوۋغات بوغچىسى تەييارلىدى.

  «ئىنىم، قوي پۇتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، قاچان شورپا ئىچكىلى كېلىسىز؟ بولمىسا پىدائىيلار ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرەيمۇ؟» سائەت 14دىن ئاشقاندا، خۇاڭ بىن مەھەللىدە ئاھالىلەرگە كالا-قوي گۆشى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتاتتى، ئۇ تۇغقىنى زۆھرەگۈل ئابدۇرېشىتنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى. «ئاچا، سىلەر ئاۋۋال يەڭلار، مەن دەرھال ئېشىپ قالغان كالا-قوي گۆشلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشىم كېرەك» دېدى خۇاڭ بىن ھەم تاماق يېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، كېيىنكى ئولتۇراق رايونغا قاراپ يول ئالدى.

  2018-يىلى، شۇ چاغدىكى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى خۇاڭ بىن تەۋەلىكتىكى ئاھالە زۆھرەگۈل بىلەن تۇغقانلاشتى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئىزچىل ئۇرۇق-تۇغقاندەك ئىناق ئۆتۈپ، باردى-كەلدى قىلىشتى. خۇاڭ بىن ۋاقتى بولسىلا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كالا-قوي گۆشى، كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، زۆھرەگۈلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى، خۇاڭ بىن مەھەللىدە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقاندا، زۆھرەگۈل ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ، ئاپىرىپ بېرەتتى.

 زۆھرەگۈلگە نىسبەتەن بۇ يىلقى قۇربان ھېيىت ئوخشىمايتتى، ئەتراپىدىكى ھەربىر كىشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تىرىشىۋاتاتتى. «ئىنىم خۇاڭ بىن بىلەن ئوغلۇم يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنجى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساق، يۇقۇم تېزلا تۈگەيدۇ.» زۆھرەگۈل يان تېلېفوندا سىن ئارقىلىق ئىنىسى ۋە ئوغلىغا بايراملىق بەخت تىلىدى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان تۇغقانلىرىنى ئويلىغىنىدا، زۆھرەگۈلنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

  ئارىلىق مىڭ چاقىرىم بولسىمۇ، ئاچا-سىڭىللىق مېھرىمىز چوڭقۇر

  «ئاچا، بۇ يىل سىز بىلەن بىللە ھېيىت ئۆتكۈزەلمەيدىغان بولدۇم، سىزنى بەك سېغىندىم!» 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى يامالىق تېغى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئەدلىيە پونكىتىنىڭ باشلىقى قەلبىنۇر ئابدۇللاقات جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ياڭ رۈيپىڭدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى.

  ياڭ رۈيپىڭ بىلەن قەلبىنۇر خىزمەت جەريانىدا تونۇشقان ئىدى. بەش يىلدىن بېرى، ۋاقتى بولسىلا ھەر يىلدىكى قۇربان ھېيتنى ئىككىسى بىللە ئۆتكۈزەتتى. قەلبىنۇرنىڭ يان تېلىفونىدىكى سۈرەتلىرىدە، ئىككىسى بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزگەن خۇشاللىق كۆرۈنۈشلەر ساقلاقلىق ئىدى.

  2017-يىلى، بالىلار ئاياغلىرىنى توپ سېتىش سودىسى قىلىدىغان ياڭ رۈيپىڭ ساتقان ماللىرىنىڭ پۇلىنى تېخى تاپشۇرۇپ ئالمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوبوروت مەبلىغىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئۇ بەك تىت-تىت بولۇپ كەتكەنىدى. باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ قەلبىنۇرنى تاپتى. ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، قەلبىنۇر ئالاقىدار كىشىگە تېلېفون قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاخىرىدا 180 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز پۇلنى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ياڭ رۈيپىڭنىڭ ھېساباتىغا ئۇرغۇزۇپ بەردى.

  ياڭ رۈيپىڭ مۇنداق دېدى: «مەن ئەڭ ياردەمسىز قالغاندا، قەلبىنۇر ماڭا ياردەم قولىنى سۇندى، شۇنداقلا ماڭا قانۇننى بىلىش، قانۇننى چۈشىنىش، قانۇننى ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.» شۇنىڭدىن كېيىن، بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىلا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ قەلبىنۇرنى ئېسىگە ئالدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ياڭ رۈيپىڭنىڭ سودىسى بارغانسېرى يۈرۈشۈپ، ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەننىڭ دوستلۇقى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قەلبىنۇر ئىزچىل مەھەللىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، يۇقۇمدىن ساقلىنىش قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. جېجياڭدا تۇرۇۋاتقان ياڭ رۈيپىڭمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى قەلبىنۇرنى ئەسلەپ تۇردى.

  «ئاچامنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراش، دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ قىسقا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن داۋاملىق ئاۋازىنى ئاڭلىغۇم كېلىپ تۇرىدۇ. گەرچە بۇ يىل بىز بىللە بايرام ئۆتكۈزەلمىگەن بولساقمۇ، لېكىن بىزنىڭ قەلبىمىز مەڭگۈ بىللە!» دېدى ياڭ رۈيپىڭ تېلېفوندا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى