تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 22 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 22 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئېچىلغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، ئاسپىرانتلار مائارىپى خىزمىتىگە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 5 - نۆۋەتلىك كېڭىشى يىللىق يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 22 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشىنى قەتئىي توسۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىدە ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە دەل جايىدا ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلمىي، ئىنچىكە قانات يايدۇرۇش؛ مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە قارىتىش، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەھەللە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ پەنگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش؛ تېببىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىنات زاپىسىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق سېلىنما ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىغا تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى بىلەن سۈپەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر نامراتلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىنى قەتئىي ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى ئېلىۋېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

بەشىنچىدىن، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، تۈرلۈك قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىش، تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن ئالاھىدە سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تولۇق پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئايلىنىشنى تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى، پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك. ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى ۋە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسلارنى توغرا ئىگىلەپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نىشانى، پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى ئالدىن پىلانلاپ، ياخشى قەدەم ئېلىشقا، ياخشى باشلىنىش بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى توپلاپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەشنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ئونىنچىدىن، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەك. شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى قوللاپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەربىيلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئارمىيەگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.