تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 15 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەشكىلىي قۇرۇلۇش پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. بىزنىڭ پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. بىز قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقساقلا، بوران چىقىپ دولقۇن كۆتۈرۈلسىمۇ، بېلىق تۇتۇش سۇپىسىدا مەزمۇت ئولتۇرالايمىز.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بىز تارىخىي تەجرىبىلەرنى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىگە قارىتا يىغىنچاقلاش ئېلىپ باردۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئىلمىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى توغرا چۈشىنىپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىي تەلىپىنى توغرا، ياخشى ئىگىلىشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. توغرا سىياسىي لۇشيەن توغرا تەشكىلىي لۇشيەننى بەلگىلەيدۇ، توغرا تەشكىلىي لۇشيەن توغرا سىياسىي لۇشيەنگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، كاپالەتلىك قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ تۈپ مەقسىتى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ھەم «ئوبراز تىكلەش»، تېخىمۇ مۇھىمى «روھنى تاۋلاش» كېرەك. ماركسىزم، بولۇپمۇ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارغا ماركسىزملىق نەزەرىيە قورالىنى ئىگىلىتىپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىيەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىزنىڭ پارتىيەمىز پارتىيەنىڭ مەركەزدىكى تەشكىلاتلىرى، يەرلىكتىكى تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇختا تەشكىلىي سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. بۇ، دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق سىياسىي پارتىيەدە بولمىغان قۇدرەتلىك ئەۋزەللىك. پارتىيەنىڭ مەركەزدىكى تەشكىلاتلىرى، يەرلىكتىكى تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى قۇدرەتلىك، كۈچلۈك بولۇپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە قۇدرىتىنى تولۇق نامايان قىلغىلى بولىدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتچان، ئۈنۈملۈك نەمۇنىلىك ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنىدىغان، باشقۇرۇشى قاتتىق، نازارەتچىلىكى كۈچلۈك، بەنزىسى ئىتتىپاق، كەيپىياتى ساپ بولغان كۈچلۈك تەشكىلات قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرى قوشۇنى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىزنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە يۈزلىنىپ، يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، گۈللىنىشنى كۆزلىشىمىزدە ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى ياخشى قۇرۇش، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئىشلىتىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كادىرلارنى تاللاش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشتە ھەم ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش، ھەم قابىلىيەتكىمۇ سەل قارىماسلىقنى تەكىتلىگەنلىكتۇر. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي ئۆتكەل، پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلىشى، ساپا ئۆتكىلى، ئىقتىدار ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلىشى كېرەك. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ جاھاندىكى تالانت ئىگىلىرىنى توپلاپ ئىشقا قويۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي نىزامى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، تەشكىلات تەسىس قىلىش، تەشكىلىي تۇرمۇش، تەشكىلىي يۈرۈشۈش، تەشكىلىي باشقۇرۇش، تەشكىلىي نازارەتچىلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل تەشكىلىي تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم ئىجرا قىلىشنى ياخشى تۇتۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.