تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۆيدە تۇرۇۋاتقان چاغدىكى پاسسىپ كەيپىياتلارغا قارىتا پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئالتە قەدەم باسقۇچلۇق «ئۈنۈملۈك رېتسېپ»ى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن): ئۇزۇن مۇددەت ئۆيدە تۇرغاندا، تەشۋىشلىنىش، ئەندىشە قىلىش، مەيۈسلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق پاسسىپ كەيپىيات كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟ 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانا)دىكى مۇتەخەسسىسلەر يۇقۇم سەۋەبلىك پەيدا بولغان سېزىم ئىنكاسىنى توغرا قوبۇل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئالتە قەدەم بويىچە ئۆز پىسخىكىسىنى تەڭشەپ، تۇرمۇش ھالىتىنى ياخشىلاش تەكلىپىنى بەردى.

  «ھازىر، ئاممىنىڭ يۇقۇمغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسى يىل بېشىدىكىدىن ئاشتى، ئالاقزادە بولۇشتەك روھىي ھالەت ئازايدى، لېكىن ھەر خىل كەيپىيات، پسخىكا، ھەرىكەت ئىنكاسلىرىنىمۇ تونۇپ يېتىش كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە مەزگىلدىكى نورمال ئىنكاسقا تەۋە بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزىنى تەڭشەش ئارقىلىق پىسخىكا ساغلاملىقى ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك.» شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانا) پىسخىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ شيا يېلىڭ شۇنداق دېدى.

  ئائىلە ئەزالىرى ئۇزاق ۋاقىت زىچ ئارىلىشىپ ياشىغاندا سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ، يالغۇز ياشايدىغان كىشىلەر ئارىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش كەمچىل بولغانلىقتىن، بىخۇدلىشىپ روھى چۈشكۈنلىشىپ قالىدۇ، تۇرمۇش رېتىمى تېز بولۇۋاتقان ياشلارنىڭ تۇرمۇش رېتىمى قالايمىقانلىشىپ ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ... يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى سېزىم ئىنكاسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن شيا يېلىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئالدى بىلەن كونترول قىلىش تۇيغۇسى بەرپا قىلىش كېرەك.»

  ئۇ مۇنداق چۈشەندۈردى: ئەسلىدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭغاندەك ئۆتىدۇ، تۇيۇقسىز توختىغاندا كونتروللۇقىنى يوقاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا «ۋاقىتلىق توختاش مەزگىلى»دىن پايدىلىنىپ ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ، نىشان ۋە يۆنىلىشنى قايتىدىن تۇرغۇزغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئىلگىرى بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋاقىت چىقىرالمىغان، چوڭلارغا ھەمراھ بولۇپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرالمىغانلار بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ بىر نەچچە پارچە كىتاب ئوقۇپ، چوڭلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قول-پۇتلىرىنى تۇتۇپ قويۇش قاتارلىق كىچىك نىشانلارنى تەدرىجىي تاماملاپ، شۇ ئارقىلىق تۇرمۇشتا ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىپ، روھىي ھالەت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالايدۇ.

  «ئىككىنچى قەدەمدە، ئۆزىنىڭ قانۇنىيەتلىك تۇرمۇشىنى ساقلاپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.» شيا يېلىڭ شۇنداق دېدى: ۋاقتىنچە خىزمەتتىن توختىغان ياشلار ئاسانلا ئالاقە تورىغا خۇمار بولۇپ، كۈندىلىك مەشغۇلاتى ئاستىن-ئۈستىن بولۇپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشتىكى «مۇقىملىق تۇيغۇسى ۋە رىتىم تۇيغۇسى»نى يوقىتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئوڭايلا مەيۈسلىنىش، تەشۋىشلىنىش ۋە تىت-تىت بولۇش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك، ئۇيقۇ نورمال بولماسلىق سەۋەبىدىن بەدەننىڭ ئېممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

  شيا يېلىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇنداق چۈشەندۈردى، مەيلى ئاغرىپ قالسۇن ياكى قالمىسۇن، تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن، تەبىئىي ھالدا بەزى پاسسىپ كەيپىياتلار پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئۈچىنچى قەدەمدە ھازىرقى ئەھۋالغا توغرا قاراش، ئۆيىدە تۇرۇش تەدبىرىنىڭ مۇھىملىقى ۋە بۇ تەدبىرلەرنى قوللانماسلىقنىڭ خەۋپىنى چۈشىنىش كېرەك. ئادەتتە قىلىشقا ۋاقتى يەتمىگەن، ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىش، مەسىلەن، رەسىم سىزىش، مۇزىكا ئاڭلاش ئارقىلىق دىققەتنى بۇراشقا بولىدۇ؛ تۆتىنچى قەدەمدە تەپەككۇر نۇقتىسىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ، «ئۆيدە تۇرغان» مەزگىل، ئادەتتىكى جاپالىق خىزمەتنىڭ تولۇقلىمىسى ئەمەس، بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتتىن بەھرىمەن بولۇپ، كۆڭلىدە ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، پىسخىك بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  تىت-تىت بولۇش ئېغىر دەرىجىدە ئۇيقۇسىزلىق، مىجەزنى كونترول قىلالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا، بەشىنچى قەدەمدە ئۆز-ئۆزىگە بېشارەت بېرىش، ئۆز-ئۆزى بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. «نۇرغۇن كىشىلەر مەن بىلەن بىللە يۇقۇم ۋە قىيىنچىلىققا يۈزلەندى، بىز چوقۇم بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيمىز.» بۇ خىل ئوي ئەندىشىنى پەسەيتىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇشمۇ كەيپىياتنى تەڭشەشكە پايدىلىق. ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەشتە مەغلۇپ بولۇپ، روھىي بېسىم بەك چوڭ بولۇپ كەتكەندە، ئالتىنچى قەدەم  __ كەسپىي ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك.

  «بىزنىڭ تەجرىبىسى مول كەسپىي دوختۇرلاردىن تەشكىللەنگەن ئەترىتىمىز بار، پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيەسىدىن توققۇزى ئېچىۋېتىلدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ روھىي ساغلاملىققا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز.» دېدى شيا يېلىڭ، ۋىرۇس كېسەل، ناچار كەيپىياتمۇ كېسەل، كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى خۇشال تۇتۇپ، پىسخىكا كېسەللىكىگە قارىتا «قوغداش تېمى» قۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالاھىدە مەزگىلگە پائال يۈزلىنىپ، ساغلام روھىي ھالەتكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى